يول ماڭغاندا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ مېڭىش . بېشىنى تۆۋەن سېلىپ مېڭىش يۈرەك ۋە ئۆپكىگە پايدىسىز بولۇپ، ئامال بار بېشىنى تىك تۇتۇپ مېڭىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا يۈرەك ھەم ئۆپكە ئىقتىدارى جانلىنىدۇ.
دۈمچىيىپ ئولتۇرۇش . خەت يازغاندا ياكى كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغاندا، دۈمچىيىپ ئولتۇرۇۋالىدىغانلار ئاز ئەمەس، بۇ بەدەن شەكلىنى ئاسان بۇزۇۋېتىدىغان ئادەت.
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە مايماق تۇرۇش . ئاياللار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە بىر تەرەپكە مايماق تۇرۇۋالىدۇ، ئەگەر بۇنداق تۇرۇش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتسە، بەل ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ.
كىرىسلودا تۈگۈلۈپ يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈش . ئاياللار كىرىسلودا تۈگۈلۈپ يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خىل قىياپەتنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىر ئەڭ چوڭ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved