جازا چارىسى رۇسىيەنى قىرىمدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ


      رېيتېر ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 5- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھۆكۈمەتنىڭ بىر نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەمدە پارلامېنت ئەزالىرى كېلەر ھەپتە قىرىمغا بارىدىكەن. گەرچە غەرب ئەللىرى رۇسىيەگە ئىقتىسادىي جازا چارىسى يۈرگۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ سەپىرى رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى بۇ رايوندىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
      كىرېمل سارىيىنى قوللايدىغان بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىدىكى بىر زات پارلامېنت تۆۋەت پالاتاسى دۆلەت دۇماسىدىكى 450 ئەزانىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پۇتىن ۋە زۇڭلى مېدىۋېدىۋ بىلەن بىللە 14 - ئاۋغۇست قىرىمدا ئېچىلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
      كىرېمل سارىيىدىكى بىر ئۇزۇن قۇلاق ئەرباب مۇشۇنداق بىر پىلاننىڭ بارلىقىنى دەلىللىگەن، لېكىن تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. كىرېمل سارىيىنىڭ بىر باياناتچىسى ھەتتا مېدىۋېدىۋنىڭ پۇتىن بىلەن بىللە قىرىمغا بارىدىغان - بارمايدىغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىمىغان.
       بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىدىكى ئۇزۇن قۇلاق ئەربابلار مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى سەپەردە ئاساسلىقى، سىياسىي خاراكتېرلىك ئۇچۇرلار يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ قىرىمنىڭ رۇسىيەنىڭ خاس زېمىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. رۇسىيە گەرچە جازا چارىسىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن قىرىمدىن ۋاز كەچمىدى».
بۇ ئۇزۇن قۇلاق ئەرباب پۇتىننىڭ قىرىمدىكى كۈنتەرتىپى توغرىسىدا سورالغان سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇلار دۆلەت خامچوتىنىڭ قىس بولۇشى، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاۋاتقان شارائىتتا ئىجتىمائىي تۈرلەرگە قانداق مەبلەغ توپلاش ۋە قىرىمنى قانداق ئېچىش قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا يىغىن ئاچىدۇ. غەب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەگە جازا چارىسى يۈرگۈزۈشى قاتارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەرمۇ كۈنتەرتىپ ئىچىگە كىرگۈزۈلدى».
       فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 5- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: غەرب ئەللىرى موسكۋانىڭ ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس ئايرىمىچىلارنى قوللىغانلىقىنى دەستەك قىلىپ، رۇسىيەگە « قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» جازا چارىسى يۈرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن پۇتىن 5- ئاۋغۇست ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جازا چارىلىرىگە تاقابىل تۇرىدىغان لايىھە تۈزۈپ چىقىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.
       پۇتىن مۇنداق دېدى: «ئىقتىساد جەھەتتىن بېسىم چۈشۈرۈشتەك بۇ سىياسىي ۋاسىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ جازا چارىلىرى بارلىق ئۆلچەم ۋە مىزانلارغا مۇخالىپ. رۇسىيە ھۆكۈمىتى قىسمەن دۆلەتلەر يۈرگۈزگەن ئاتالمىش جازا چارىسىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ بولدى».
پۇتىننىڭ ئېيتىشىچە، ئىچكى كابىنېت بىر قىسىم چارە - تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، خېرىدارلارنىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى تەسىرگە ئۇچراتماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
       ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئۆتكەن ھەپتە يولغا قويغان ئەڭ يېڭى ۋە جازالاش خاراكتېرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان جازا چارىلىرى ئاساسلىقى، رۇسىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان نېفىت ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەر سانائىتىگە قارىتىلغان ئىكەن.
      ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى دەستەك قىلىپ 1- ئاۋغۇستتىن باشلاپ رۇسىيەگە يېڭىدىن بىر يۈرۈش جازا چارىلىرىنى يۈرگۈزۈپ، رۇسىيە بانكىلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كاپىتال بازىرىغا كىرىشنى چەكلىگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيەدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى كارخانىلىرىغا جازا چارىسى يۈرگۈزگەنىدى.
      رېيتېر ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 6- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى 6- ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە رومىنىيەدىن كالا گۆشى ۋە تىرىك كالا ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى. موسكۋا بۇ سودا چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇكرائىنا كىرىزىسى غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەگە يېڭى جازا چارىسى يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولغانىدى.
     رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر سەھىيە نازارەتچىلىكى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، رومىنىيەدە غالجىر كالا كېسىلى تارقالغاچقا بۇ بۇيرۇقنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



خەتكۈچلەر:
08-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek