ئامېرىكىلىق مۇتەخەسىسلەر يېقىندا تاماملىغان تەتقىقاتىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: يالغۇز ياشايدىغان ئادەمنىڭ يۈرەك كېسىلى، سەكتە ياكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن، ھەتتا بۇ جەھەتتىكى زىيىنى چېنىقماسلىق ياكى دىئابىت كېسىلىنىڭ زىيىنىدىنمۇ كۆپ بولىدىكەن. بۇ ياشانغانلار ۋە ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى كېڭەيتىپ، ئالاقە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى، ساغلام ئۇزۇقلىنىش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىسى تار، ھەرىكىتى ئاز ياشلارنىڭ قان تومۇر ياللۇغى، سەكتە ياكى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى كۈچىيىدىكەن، يالغۇزلۇق ياشانغانلارنىڭ قان بېسىم مۇقىملىقىنى بۇزىدىكەن، بىراق ئوتتۇرا ياشلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىسىنىڭ تار بولۇشى ئۇلارنىڭ سالامەتلىككە كۆرۈنەرلىك تەسىر قىلمايدىكەن، بۇ بەلكىم بۇ ياشتىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ مىقدارىدىن كۆرە سۈپىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى سەۋەب بولسا كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved