روسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەجاز جادۇرى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى پاكىستان كېڭەش پالاتاسى دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، پاكىستان سۈرىيەگە قارىتىلغان ھەر قانداق سىرتقى ھەربىي مۇداخلىگە قارشى تۇرىدۇ ھەمدە سۈرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدۇ، دېدى.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، جادۇرى پاكىستاننىڭ سىياسىي يول بىلەن سايلانغان ھەر قانداق رەھبىرىنى، سۈرىيە خەلقىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
سۈنئىي ھەمراھ تورىدا، جادۇرىنىڭ سۆزى پاكىستاننىڭ سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇش سىياسىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى روشەن بۇرۇلۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇندىن ئىلگىرى پاكىستان ئىزچىل بىتەرەپ ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن. پاكىستان ئەرەب ئەللىرى ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ئوتتۇرا شەرق سىياسىي مەسىلىسىدىكى ئەنئەنىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved