گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا چېخ زۇڭتۇڭى زېمەن بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن چېخنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستىقبالى كەڭ، جۇڭگو يادرو ئېلېكتىرى، يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قاتالرىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى جەھەتلەردە ئىلغار تېخنىكا، مول تەجرىبە، مۇستەھكەم ئەمەلىي كۈچ ۋە ياخشى باھاغا ئىگە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چېخنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئەسلىھەرلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرگە پائال قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، جۇڭگو ــ ئوتتۇرا شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق، جۇڭگو چېخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرقى ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق غەلبە قىلىشنى خالايدۇ.
زېمەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چېخ جۇڭگو بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چېخقا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىپ، چېخنىڭ يادرو ئېلېكتىرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، چېخ ئوتتۇرا شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرى ــ جۇڭگو يەرلىك رەھبەرلىرى يىغىنىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاچتى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved