سېغىز چاينىسا ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئاشقازان كېسىلى بارلار دىققەت قىلىشى كېرەك!
كۆپلىگەن ياشلار، بولۇپمۇ كۈچلۈك پۇراقلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراقلار، ئېغىزىنىڭ خۇشپۇراق تۇرۇشى ئۈچۈن دائىم سېغىز چاينايدۇ. سېغىز چايناشنىڭ بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، روھلاندۇرۇش، چىشنى پاكىز ساقلاش قاتارلىق ئۈنۈمى بار. بىراق كۆپچىلىك ئاچ قورساق ئەھۋال ئاستىدا سېغىز چايناشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولۇپمۇ ئاشقازان كېسىلى بار كىشىلەر، بۇ نېمە ئۈچۈندۇ؟
ئاچ قورساق سېغىز چايناش ئېغىر بولغان ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
كىشىلەر سېغىز چاينىغان ۋاقىتتا، ئېغىز بوشلۇقى ئىچىدىكى شۆلگەي ئاشقازان ئىچىدە ھەزىم بولغان سۇيۇقلۇق كۆپ مىقداردا ئاجرىلىپ چىقىدۇ، سېغىزنى چايناش كېرەك، بۇ تەبىئىي بولغان فىزىيولوگىيەلىك ئىنكاس. شۆلگەي ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاشقا ياردەم قىلىدۇ، بىراق ئاشقازاننىڭ كىسلاتا ئاجرىلىپ چىقىرىشىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، بولۇپمۇ قورساق ئاچ بولغان ئەھۋال ئاستىدا، كۆڭلى ئېلىشىش، ئىشتىھاسىزلىنىش، مەيدىسى ئېچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئاچ قورساق سېغىز چايناشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر، ئاسانلا ئاشقازان ياللۇغى ھەتتا ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت، سېغىزنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئاشقازان ئىچىدىكى كىسلاتاسى ئاسان ئاجرىتىپ چىقالمايدۇ، ئۈچەي يولىغا كىرگەندىن كېيىن، سۈمۈرۈلۈش ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ، ناھايىتى ئاسان قورساق قىسمى ئېسىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆپۈش، قورساق غۇرۇلداش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
ئاندا-ساندا سېغىز چايناشنىڭمۇ پايدىسى بار. بىراق ھەر قېتىم چاينىغان ۋاقىت ئون مىنۇتتىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاچ قورساق ئەھۋال ئاستىدا چايناشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved