لەگلەك تورى تەرخىمىسى مالايسىيا يوقاپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانى MH370 نى ئىزدەش ھەركىتى بولسا ئاتالمىش “ بىر توپ قالايمىقانچىلىق ” مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە ئۈچ ئايغا يېقىن ئىزدەش خىزمىتىدە نەچچە مىليارت فوند سىتېرلىڭ مەبلەغ ئىشلەتتى . ئاۋسترالىيە مەمۇر ئىدارىسى يېقىندىن بىرى ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئىزدىگەن يېرىنىڭ بىر خاتا ئىكەنلىكنى تەن ئالىدۇ .
ئاۋسترالىيە مەمۇر ئىدارىسى ئېلان قىلىشىچە بۇ نىشان رايونىدا ئايروپىلاننىڭ پارچىسى توغرىسىدا ھېچقانداق نەرسە تېپىلمىغان . 239 نەپەر يولۇچى ۋە ئايروپىلان خىزمەتچىسىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى قاتتىق غەزەپلىنىپ “ بۇ بىزنىڭ قۇلاق تۈۋىمىزگە ئۇرغانلىق ” دەپ بىلدۈردى .
ئاۋسترالىيە تەرەپ ھىندى ئوكيان دائىرىسدە 12 ئاي ئىزدەش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئەمەلىي ئىزدەش رايونىنى تېخى بىكىتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى .
بۇرۇنقى “ ping ”سىگىنالى MH 370 نىڭ قارا ساندۇقىدىن چىققان دەپ قارىلاتتى لېكىن بىر قىسم كىشلەر بۇنىڭغا گۇمان نەزىرى بىلەن قارايتى . ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە مۇتەخەسىسى مېك دىئان ئامېرىكا سىملىق تېلىۋۇزۇر تورىغا مۇنداق دېدى : “ping ” ئاۋازى بولسا كېمە پاراخوتلار چىقارغان بولۇشى ياكى ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابلىرى چىقارغان بولۇشى مۇمكىن .
“ ھەر قېتىم ئېلىكتورونلىق ئەسۋابلارنى سۇغا سالغاندا ئۇنىڭ ئىچىگە سۇ كىرسە قىسقا تۇتاش ھاسىل بولۇپ بىر قىسم ئاۋازلارنى چىقىرىدۇ ” لېكىن بىر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيسىنىڭ باياناتچىسى كېيىنلا مۇنداق دېدى : دېئاننىڭ قارىشى ئانچە مۇكەممەل ئەمەس .
ئانالىز قىلغۇچى كىشلەر بۇ قېتىمقى ئىزدەش تارىختىكى مەبلەغنى ئەڭ كۆپ ئىشلەتكەن ئىزدەش ھەركىتى ، ئاز دىگەندىمۇ نەچچە مىليارت فوند سىتېرلىڭ كەتتى .
بويىن شىكىتى بۇرۇنقى ئېنژىنىرى ئالەم ئىشلىرى مۇتەخەسىسى كېردىس : ئەڭ ئاخىرقى دەسمايە ئايروپىلاننى قاچانلىققا تېپىش . بىراق بۇندىن كېيىنكى ئىزدەش ناھايىتى قىيىن چۈنكى ئىزدەيدىغان دائىرە ناھايىتى كەڭ دەپ ئېيىتتى .
ئىزدەش ھەققى نەچچە مىليارت ئامېرىكا دوللىرى يىتىشى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن . لېكىن كېتىدىغان مەبلەغنى ھازىر مۆلچەرلەش سەل بالدۇرلۇق قىلىپ قالىدۇ .
ئاۋسىترالىيە ئىزدەش خىزمىتى ئۈچۈن 24 مىليون فوند سىتېرلىڭ ( تەخمىنەن 250 مىليون خەلق پۇلغا تەڭ ) سەرىپ قىلدى . ئاۋسىترالىيە تەرەپ كىلەركى ئككى يىلدا 50 مىليون فوند سىتېرلىڭ ( 520 مىليون يۈەن خەلق پۇلى ) سەرىپ قىلىپ ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ .
مالايسىيا ۋە جوڭگو تەرەپ ئىزدەش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ . لېكىن ئككى دۆلەت شەخسىي ھۆدىگەر تېپىپ دېڭىز ئاستىدىن ئىزدەشنى پىلانلاۋاتىدۇ . ئاۋسىتىرالىيە زۇڭلىسى ۋول توراس : ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئورنىنىڭ جەنۇبى ھىندى ئوكيان ئىكەنلىكىنى مۇقۇملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
بىرلەشمە ئىزدەش مەركىزىنىڭ بىلدۈرشىچە بۇ ئككى ئاي ئىچىدە يىشىل كىت ئالتۇن تاپانچا بېلىق ئادەمسىز سۇ ئاستى كېمىسى 328كۋادىرات ئېنگىلز مىلى رايونى ئىزدىدى . بۇندىن كېيىن مۇتەخەسىسلەر گۇرپىسى سۈنئي ھەمرا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بۇ ئايروپىلاننىڭ مۇمكىن بولغان ئۇچۇش يولىنى سىزىپ چىقىش . ئىزدەش خىزمىتى 8 ئايدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ .
![]() |
4-ماي سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ نەزەربەند قىلىنغان قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسى سىرتىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، UBER قاتارلىق تاكسى توسۇش دېتاللىرىغا قارشى تۇردى.
|
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومۇس ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 پۇقرا قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
دەسلەپكى قە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved