بۈگۈن (25-چىسىلا) چۈش سائەت 12 دە ، ئاۋىستىرالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ، ئاۋىستىرالىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيسى بازىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئۇ ، ھازىرغىچە قەدەر ، يوقاپ كەتكەن مالايسىيا MH370 يۇلۇچىلار ئايروپىلانىغا مۇناسىۋەتلىك قالدۇق پارچىنىڭ تېپىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ ئاخبارات يىغىنىدا ، مالايسىيا ئايروپىلانىنى ئىزدەش خىزمىتى جەريانىدا ، ئاۋىستىرالىيە تەرەپنىڭ ھېچقانداق بىر ئۇچۇرنى يۇشۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاۋىستىرالىيە تەرەپ ، ھاۋا كېلىماتىنىنىڭ ياخشىلىنىشىنى كۈتىۋاتقانلىقىنى ، ھاۋا ياخشىلانغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ئاجرىتىپ ئايروپىلاننى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، ئاۋىستىرالىيە زۇڭلىسى ، ئەگەر يوقاپ كەتكەن يۇلۇچىلار ئايروپىلانىدىكى يۇلۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ئاۋىستىرالىيەدە تۇرۇشنى ئويلىسا ، ئاۋىستىرالىيەنىڭ قىزغىن قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە ھەقسىز ۋىزا بىجىرىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، ئايروپىلان پارچىسىنى ئىزدەش خىزمىتىدە ، ئاۋىستىرالىيە تەرەپ ، مالايسىيا بىلەن ھەمكارلىشىپ ، مۇھىم نۇقتىلارنى ئىزدەپ ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىدىكەن .
مۇھىم نۇقتىسى:
1. ھاۋا رايى مۇناسىۋېتى بىلەن ، ئىزدەش خىزمىتى ۋاقتىنچە توختىلىدى ، ھاۋا رايى ياخشىلانغان ھامان ، تېخىمۇ كۆپ قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئىزدەشكە چىقىدۇ . 2. ئاۋىستىرالىيە ئايروپىلاننى ئىزدەپ تېپىشقا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىشەنچى بار ،، بىراق ھازىر ھىندى ئوكياننىڭ ئەھۋالى خەتەتەرلىك.3. ھازىرغا قەدەر مالايسىيا MH370 ئايروپىلانىنىڭ قالدۇق پارچىللىرى توغرىسىدا ئېنىق نەتىجە يوق
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved