تۇز يېمەك-ئىچمەك تۇرمۇشىمىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، بىراق ئۇنىڭ تەم تەڭشەشتىم باشقا ، يەنە ئاشخانىدا ئالاھىدە «ئىقتىدارى» بار .
1. تۇزنى بېلىق بەدىنىگە سۈرۈپ ئاندىن سۇ بىلەن يۇيسا بېلىق بەدىنىدىكى يېپىشقاق ماددىلارنى ئاسانلا تازىلىغىلى بولىدۇ.
2. ئاقلانغان يېڭى تۇرۇپنى تۇزغا چىلاپ يىگەندە بەك تەملىك ، ئاچچىق ئاپلىسىنغا ئوخشاش مىۋىلەرنى تۇز بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يىسە تېخىمۇ تەملىك تېتىيدۇ.
3. كالا سۈتىگە ئازراق تۇز قوشىۋەتسە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ.
4. تۇزنى قورۇپ ئاچچىقسۇغا ئارلاشتۇرسا كۆكۈرۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
5. بېلىق توغرىغاندا قولغا تۇز سۈركىۋالسا بېلىقنىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئازايتىپ توغراشقا قۇلايلىق بولىدۇ.
6. پاكىز تازىلانغان بېلىقنى 10-15 مىنۇتقىچە تۇزغا چىلاپ قويۇپ .ئاندىن قورىسا پارچىلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
7. بەزى سەي-كۆكتاتلاردا كۆكپىت كۆپ بولۇپ يۇيۇپ تازىلاش تەس ، بۇۋاقىتتا %2 لىك تۇزغا چىلاپ ئاندىن يۇيسا پاكىز يۇيغىلى بوۇلىدۇ.
8. ھورنان خېمىرى ياخشى ئۆلىگەندىن كېيىن سودا ئورنىغا تۇز ئىشلىتىلسە ھورنان ھەم ئاق ھەم يۇمشاق پىشىدۇ ، ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ.
9. تۇخۇم پۇشۇرغاندا قايناق سۇغا ئازراق تۇز قۇيۇپ ، پۇشۇرۇپ بۇلۇپ سۇغۇق سۇغا چىلاپ ئاندىن تۇخۇمنى سويسا تۇخۇم پوستى ئاسان ئاجرايدۇ.
10.تۇرۇپ قاتارلىق ئاچچىق تەمى بار سەيلەرنى تۇزغا چىلىغاندىن كېيىن ئاندىن قورىسا ئاچچىق تەم چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
11. پەلەك سەيگە ئوخشاش يېشىل يۇپۇرماقلىق سەيلەرنى پۇشۇرغاندا ،ئەگەر يۇپۇرمىقى ساغىرىپ قالسا ئاز مىقداردا تۇز قۇشۇپ قورىسا رەڭگى سارغىيىپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
12. تاتلىق يىمەكلىكلەرنى پۇشۇرغاندا %1 لىك ئاش تۇزى قۇشىۋەتسە پۇشۇرۇق ھەم مىزىلىك ھەم كۆركەم پىشىدۇ. شىكەر قىيامىغا ئاز مىقداردا تۇز قۇيىۋەتسە تېخىمۇ ئىچىشلىك بۇلىدۇ.
13. ئېشىپ قالغان تاماقنى قىزىتقاندا ،تاماققا ئازراق تۇز قۇيىۋەتسە تاماقتىكى غەيرىي پۇراق يوقايدۇ.
14. دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى بىرلا قېتىمدا يەپ بولغىلى بولمايدۇ ، بۇنداق چاغدا ئۇلارنى تۇزغا چىلاپ قويغاندا قۇرۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
15.توڭلىتىلغان توخۇ ، بېلىق ، گۆش قاتارلىقلارنى تۇزغا چىلاپ ئېرىتكەندە ئېرىتىشنى تېزلەتكىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە تەملىك ، يۇمشاق پىشىدۇ.
16. دۇفۇ پۇشۇرغاندا ئاۋۋال ئازراق تۇز قۇشىۋەتسەك قاتتىق پىشىپ قالمايدۇ.
17. ئۈگرە پۇشۇرغاندا ، ئاۋۋال شورپىسىغا ئازراق تۇز قۇيىۋەتسەك چۆپى ئېزىلىپ كەتمەيدۇ ، تېخىمۇ تەملىك ، پۇراقلىق پىشىدۇ.
18. ئېشىپ قالغان تاماق بىلەن يېڭى پۇشۇرغان تاماقنى بىللە يېيىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئېشىپ قالغان تاماقنى ئازراق تۇز قۇشۇپ قىزىتىۋېلىپ ئەسلىدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقۇتىمىز ، ئاندىن ئىككى خىل تاماقنىڭ تەمى ، پۇرىقى پەرىقلەنمەيدۇ.
19. بېلىقنى تۇزغا چىلاپ توڭلاتقاندا ، بېلىقنىڭ قۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
20. قۇرۇتۇلغان دۇفۇ ، دۇفۇ تىرىسى قاتارلىق دۇفۇ تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدە سېسىق پۇراق بار، ئەگەر تۇزلۇق قايناقسۇغا چىلىغاندا ھەم سېسىق پۇراقنى يۇقاتقىلى ھەم يۇمران پۇشۇرغىلى بولىدۇ.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved