تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىق ئىشتابى 24-يانۋار تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 23-يانۋار تۈركىيە-سۇرىيە چېگراسىدا ئاشقۇن تەشكىلاتى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئەزاسى دەپ گۇمان قىلغان 23 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېيتى.
باياناتتا دېيىشىچە، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئاشقۇن ئۇنسۇرلىرى دەپ گۇمان قىلغان 23 ئادەم 21 ئۆسمۈرنى باشلاپ سۇرىيەدىن تۈركىيە كىلىس ۋىلايىتى ئەلبەيلىرايونىغاقانۇنسىز كىرمەكچى بولغاندا تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بايقالغان ھەمدە قولغا ئېلىنغان. باياناتتا قولغا ئېلىنغۇچىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئاشكارىلانمىغان.
تۈركىيە ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى دېيىشىچە، ھازىرغا قەدەر تۈركىيە 124 دۆلەتتىن بولغان تەخمىنەن 35 مىڭ نەپەر «ئىسلام دۆلىتى» ئاشقۇن ئۇنسۇرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلىگەن، 92 دۆلەتتىن 3000غا يېقىن ئاشقۇن ئۇنسۇرنى قولغا ئالغان
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved