چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ يىل 4-ئايدا ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى جىنس ئۆزگەرتكۈچىلەرنى 3-خىل جىنستىكى كىشىلەر دەپ بېكىتكەن ، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ھىندىستاندىكى بىر يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم جىنس ئۆزگەرتكۈچى رىياسەتچىنى تېلېۋىزىيەگە چىقارغان .
ئىگىلىنىشىچە ، 31 ياشلىق Prakash ئىلگىرى ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ، ئىلگىرى ئائىلە ۋە تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن بىمەنە تىياتىرلاردا رول ئالغان ، جىنس ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزگەن .
ئۇ 15-ئاۋغۇستتىن باشلاپ جەنۇبتىكى تەمىل نەدو ئۆلكىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا رىياسەتچىلىك قىلىپ ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن . ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان كەچلىك خەۋەرلەر پىروگراممىسىنىڭ كۆرۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ، رەھبەرلەرمۇ ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى ئېتراپ قىلغان . Prakash تېلېۋىزىيە ۋاستىسى ئارقىلىق جىنس ئۆزگەرتكۈچىلەرنى توغرا چۈشىنىشىنى مۇراجىئەت قىلغان .
ھىندىستان جىنس ئۆزگەرتكۈچىلەرنى 3-خىل جىنستىكىلەر دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغان ، نېپال ، پاكىستان ۋە بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ جىنس ئۆزگەرتكەنلەرنى ئېتراپ قىلغان .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved