پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر سائەت 3:00 بولغاندا گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 19-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى سېرىق ھەرە دورتمۇند كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا ئورگۇسبۇرگ كۇلۇبى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى. ئاخىرىدا مېھمان كوماندا ئورگۇسبۇرگ كۇلۇبىدىن بۇبادىللا نىڭ 49 مىنۇت بولغاندا كىرگۈزگەن بىر توپى بىلەن دورتمۇند كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 0-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ بىرلەشمىنىڭ كەينىدىن سانىغاندا بىرىنچىسى بۇلۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن دورتمۇند كۇلۇبى ئۇدا بەش مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتۇپ باقمىدى.
دورتمۇند كۇلۇبى توپچىلىرىنىڭ ھالىتى يامان ئەمەس بولسىمۇ بىراق كوماندا ئۈچۈن بىر نومۇرمۇ قولغا كەلتۈرەلمىدى. سىمىرسنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى بولسا بىۋاستە توپ كەتكۈزۈشى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئورگۇسبۇرگ كۇلۇبىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى. بۇبادىللا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي توپ كىرگۈزدى. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاراتار مانىگىلنىڭ ئىپادىسىمۇ ياخشى بولدى.
دورتمۇند كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-ۋېددىنفىللىر. 19-گىروس كىلۇئىس ( 60′ سۇبىدىك ) . 25-پارپاس تاسپۇرس. 15- ھۇرمېس. 29-سىمىرس. 8-گۇندوگان. 18-نۇرى ساخىن. 23-كامپۇل ( 71′ كاگاۋا). 11-روئىس ( 71′مىختاريان ). 17-ئوبامىياڭ. 9-ئىمموبىلى.
ئورگۇسبۇرگ كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقان توپچىلار:
1-مانىگىل. 2-فىلھاخ. 16-ۋانكىل.5-كىراۋىن. 8-فۇئىلنا. 19-ھېبىلىر. 10-بال. 25-بۇبادىللا ( دىيرىگىچ ). 7-ئالتىنتوپ. 13-يالنا ( 61′ قەييۇب.) 22-كىدۇغان ( 65′كېل ).
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved