Apple Pay كېلەر يىلنىڭ بېشىدا جۇڭگوغا كىرىدۇ، 15 خىل بانكا قوللايدۇ

       Apple Pay كېلەر يىلنىڭ بېشىدا جۇڭگوغا كىرىدۇ، جۇڭگودىكى 15 خىل بانكا قوللايدۇ. دېمەك، بۇندىن كېيىن iPhone نى بانكا بىرلەشمىسىنىڭ POS ئاپپاراتىغا ئېلىپ كېلىپ، بارماقنى Touch ID ئۈسكۈنىسىگە قويۇش ئارقىلىق ھەق تاپشۇرۇپ مال سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر Apple Watch بولسا، يان تەرىپىدىكى كۇنۇپكىنى ئىككى قېتىم باسقاندىن كېيىن، سائەت يۈزىنى كارتا ئوقۇش ئۈسكۈنىسىگە يېقىن ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق پۇل تاپشۇرغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ مەشغۇلاتلارنى تاماملاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بانكا كارتىسىنى ئۈسكۈنە بىلەن باغلاش كېرەك.

   نۆۋەتتىكى يانفون ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش شەكىلگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، Apple Pay مۇلازىمىتى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۈچىنچى تەرەپ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمىگە زەربە بېرىپ قالماستىن، ApplePay يەنە كۆپ قىسىم ئۈچىنچى تەرەپ ھەق تاپشۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

   بۇ ئىشقا قارىتا، جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سەي خوڭفېڭ ‹‹بىز ئىستېمالچىلارنى Apple Pay نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش يېڭىچە ھەق تاپشۇرۇش مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىمىزدىن ناھايىتى خۇشال›› دېگەن. ئالما تەرەپ بولسا، خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاش، تېخىمۇ تىرىشىپ، ئىستېمالچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

   ئىگىلىنىشىچە، تور سىرتىدا مال سېتىۋالغاندا Apple Pay نى قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەر iPhone 6s/6s Plus ،iPhone 6/6 Plus ۋە Apple Watch ئىكەن. ئالما دۇكىنىدىن مال سېتىۋالغاندا Apple Pay نى قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، iPhone 6s/6s Plus ،iPhone 6/6 Plus ،iPad Air 2 ،iPad mini 3 ،iPad mini 4 ھەمدە iPad Pro قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

   مۇلازىمەت مۇھىتى جەھەتتە، جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى جۇڭگودىكى 15 خىل بانكا بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلار ئۈچۈن بىخەتەر ھەم قولايلىق مال سېتىۋېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدىكەن.

   Apple Pay بولسا، ئالما شىركىتى 2014يىلى كۈزلۈك مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلغان، يانفوننىڭ NFC ئىقتىدارى ئاساسىدا ھەق تاپشۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ، 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلغان. NFC تېخنىكىسى ئارقىلىق، ئۈسكۈنىلەر ئارىسىدا قىسقا ئارىلىق ئىچىدە سىمسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئىستېمالچىلار ھەق تاپشۇرۇش جەريانىدىكى بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بولغىلى بولىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
18-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-03-2016
لېيجۈن :مەن ھەركۈنى 3مىنۇتتا چۈشلۈك تاماق يەيمەن مېنىڭ ئاجىزلىقىم مەن باشقىلارغا دېيەلمەيمەن .باشقىلارنى خا پا قىلىپ قويۇشنى خالىمايمەن . مەن بەك يۈزۈم چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقىمەن ، شۇڭا مەن بۇ ئۇرۇندا بەك ھارىمەن . لېي ج...
16-03-2016
گوگىل سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى قورشاۋ شاھماتتا ئىنساننى يەڭدى گوگىل شېركىتى ئاچقان سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قورشاھ شاھماتتىن ئىبارەت جوڭگۇنىڭ قەدىمكى ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى 4 تە بىر نەتى...
06-02-2016
        ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭ...
06-02-2016
       يانفون ساھەسىنىڭ كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدە، يانفون زاۋۇتى ياخشى سېتىش مىقدارى ياراتماقچى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بىر مەسىلە بولىدۇ، پاسونى يەنە بىر مەسىلە بولىدۇ، يېقىندا بىر تورداش سۈزۈك Lumia ئەقلىيفونى (N...
06-02-2016
       ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە تور مۇلازىمەت ئانالىز شىركىتى ‹‹ئوچۇق سىگنال›› (OpenSignal) يېقىندا پۈتۈن يەر شارى كۆچمە تور دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ...
06-02-2016
       تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا ي...
06-02-2016
       بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.   ...
05-02-2016
           پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
05-02-2016
       Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوق...
05-02-2016
        ئالما شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ شىركەت يېڭىدىن يولغا قويغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى Apple Pay ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن كۆپرەك پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، Crate & Barr...
Powered by Leglek