ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
سىز ماشىنا ھەيدىگەندە ئۆزىڭىزنى راھەت ھېس قىلدىڭىزمۇ يوق ؟نۆۋەتتە ئۆتكۈزۈۋاتقان بېيجىڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ۋە نيۇيورك خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ،ياپونىيىنىڭ تويوتا شېركىتى ئەڭ يېڭى ئىقتىدارلىق ئۇقۇم ئاپتوموبىلنى كۆرگەزمە قىلدى .بۇ ئاپتوموبىلنىڭ لاھىيەلىنىش ئۇقۇمى ئادەم بىلەن ئاپتوموبىلنى بىرلەشتۈرۈپ ،خوشال خۇرام ھەيدەشتىن ئىبارەت . بۇ موتوسىكىلىتمۇ ياكى ئۆزگەرتىلگەن باشقا نەرسىمۇ ئەمەس .بۇ تويوتا شېركىتى يېڭىدىن ياساپ چىققان ئەقلى ئىقتىدارلىق ئۇقۇم ئاپتوموبىلى FV2 .
كونترول تاختىسىغا يەڭگىل چېكىپ يولغا چىقايلى دەپ يېزىلغان ،FV2 گە چۈشسىڭىز ئالدىڭىزدا ئاجايىپ شامال توسۇش ئەينىكى بار.ئەمەلىيەتتە ئۇ ئېكران بۇلۇپ يولنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ،FV2 دە كونا مەنىدىكى رول يوق ،ئۇنىڭدا گىروسكوپ كونترول ئۇسۇلى ئىشلىتىلگەن ،ھەيدىگۈچى بەدىنىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يۆنىلىشنى ئىگىلەپ چېكىنىشنى كونترول قىلالايدۇ .بەدەننى ئوڭغا ياكى سولغا قىلسا ئاپتوموبىل مۇناسىپ ھالدا ئوڭ سولغا بۇرۇلىدۇ .FV2ئەقلى ئىقتىدارلىق سىستېمىسى سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ .يەنە ئەتراپتىكى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى بىلەن خەۋەرلىشەلەيسىز .ئەگەر سىز سىرىتنى ئايلانماقچى بولسىڭىز ،ئەقلى ئىقتىدار سىستېمىسى سىزنىڭ ئىلگىركى ھەيدەش ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن سىزگە تەكلىپ بېرىدۇ .
FV2 دە ئاۋاز ۋە چىراينى تۇنۇش سېنزورى بار بۇلۇپ ھەيدەش ئەھۋالىنى خاتىرلەپ تۇرىدۇ ، ھەمدە سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنى بىلىپ تۇرىدۇ ،شۇنداقلا كەيپىياتىڭىزنىڭ ياخشى نازىرلىقىغا ئاساسەن ئاپتوموبىلنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ ،مەسلەن كەيپىياتىڭىز ناچار چاغدا ئاپتوموبىل قىزىل رەڭگە كىرىپ ،ئەتراپتىكى ھەيدىگۈچىلەرگە ‹ بۇ ئاچچىقى يامان ئەبلەختىن› يىراقراق تۇرۇشنى ئەسكەرتىدۇ .FV2 بۇلتۇر 12-ئايدا تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان ،قاچان رەسمىي بازارغا سېلىنىدۇ بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved