شاكىلات يېيىشكە ئامراق بولۇش. دائىم شاكىلات يىيىشكە خۇشتار بولۇپ قالسا، بەدەن كوفېيىن ۋە شېكەرگە كۆنۈپ قالغان بولىدۇ.
ماروژنى يېيىشكە ئامراق بولۇش. ماروژنى سۈتتىن ئىشلىنىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، كالىي، قەنىت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، قاندىكى قەنت مىقدارى تۆۋەن بولغان ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق كىشىلەر ئۇنىڭ قىزىقتۇرۇشقا تاقابىل تۇرالمايدۇ.
كوكا كولا ئىچىشكە ئامراق بولۇش. كوكا كولا ئىچىشكە ئامراق كىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق كېلىدۇ، بۇ بەدەننىڭ شېكەرگە بېقىنىپ قالغانلىقىدىن بولىدۇ، كوكا كولا ئىچىدە كوفىيىن بولۇپ دائىم چۈشكەندە خۇمار قىلىدۇ.
تۇخۇم يېيىشكە ئامراق بولۇش. تۇخۇمدا ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار، ئاقسىل ۋە ماي بولۇپ ئۇنىڭ «مۇكەممەل يېمەكلىك» دېگەن نامى بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆت سۇيۇقلۇقى ھورمۇنى خولېستېرىن ۋە ماينى ئېرىتىدۇ. تۇخۇم ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەڭ كاتتا يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.
خاسىڭ قىيامى يېيىشكە ئامراق بولۇش. كۈنى جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۆتىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەندىكى ۋىتامىن B تېز خوراپ كېتىدۇ، خاسىڭ قىيامى ئىچىدە ۋىتامىن B مول.
سۈرلىگەن گۆش يېيىشكە ئامراق بولۇش. سۈرۈلگەن گۆش تەركىبىدە تۇز ماددىسى كۆپ بولىدۇ، سۈرلىگەن گۆش يىيىشكە ئامراق كىشىلەر بۆرەك كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
چىلىغان سەيگە ئامراق بولۇش. چىلىغان سەي چۈچۈمەل ۋە تۇزلۇق كېلىدۇ. جىگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ناچار كىشىلەر چىلىغان سەيگە ئالاھىدە ئامراق كېلىدۇ.
گازىر چېقىشقا ئامراق بولۇش. گازىر چېقىشقا ئامراق بولۇش ئاقسىل، ماي، ۋىتامىنB نى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق كىشىلەرمۇ گازىر چېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved