12-ئاينىڭ 16-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جېجاڭ ئۆلكىسى ۋۇجېن بازىرىدا پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن بىلەن كۆرۈشتى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو-پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى. بۇ يىل 4-ئايدا مەن پاكسىتاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلىپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورىنى مەركەز، گۋادار پورتى، ئېنېرگىيە، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى، كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «4+1» ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى بېكىتىپ، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزدۇق. بىز پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ ۋە بېيىتىپ، جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇقىنى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ۋە قانات يايدۇرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى خالايمىز.(تامام)
![]() |
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
|
![]() |
دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
|
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved