2014-يىللىق يەرشارى بويىچە ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئون پارچە سۈرەت

ئامېرىكا ‹‹ دەۋر ھەپتىلىك ژورنىلى ›› يېقىندا 2014-يىللىق يەرشارى بويىچە ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئون پارچە سۈرەتنى باھالاپ چىقتى . بۇ سۈرەتلەر چېگرا ، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقلەردىن ھالقىپ ، كىشلەر قەلبىنى زىلزىلىگە سالدى .

ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئوتتۇرا دېڭىزىغا تۆت ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ ، شۇ يەر ۋاقتى 20-ئىيۇل كەچتىن 21-ئىيۇل سەھەرگىچە 800 گە يېقىن كۆچمەننى قۇتۇلدۇرغان .

لىبىرىيەنىڭ پايتەختى مونروۋىيەدە سەككىز ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ئېبولا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ، ئىككى نەپەر سەھىيە خىزمەتچىسى تەرىپىدىن شىپاخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن .

فوتوگراف يۇقىرى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئوروۋىللې كۆلىنى سۈرەتكە تارتقان . سۈرەتتە كۆلدىكى پاراخوتلار قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن نەچچە ئايغىچە تىزىلىپ تۇرۇپ كەتكەن .

پىژغىرىم ئىسسىق بولىدىغان ئىيۇلدا رۇسىيەنىڭ نوۋوسىبىرسكىدىكى بىر دېڭىز ساھىلىدا توساتتىن مۆلدۈر يېغىپ ، سۇ ئىچىدە خوشال ئويناۋاتقان كىشىلەر نېمە قىلارىنى بىلەلمەي باشلىرىنى توسىغىنىچە قىرغاققا يۈگۈرگەن .

17-ئىيۇل مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ MH17 يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇكرائىنادا چۈشۈپ كەتكەن . سۈرەتتە بىر تالاپەتكە ئۇچرىغۇچى بىخەتەرلىك تاسمىسى بىلەن ئورۇندۇققا باغلانغان ھالەتتە شامال ئۇرۇپ تۇرغان بۇغدايلىقتا قالغان . بۇ تېراگىدىيە كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىنى ھالاك قىلغان .

ئامېرىكا 2014-يىللىق ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى مۇراسىمىدا رىياسەتچى ئەلىن بىر توپ ھوللىۋود چولپانلىرى بىلەن يانفوندا سۈرەتكە چۈشكەن . بۇ سۈرەت بىر سائەتكە قالماي بىر مىليون قېتىم ئۇلاپ تارقىتىلىپ ، دۇنيا ‹‹ ئۇلاپ تارقىتىش مىقدارى ›› رېكورتىنى ياراتقان .

ئاۋغۇستتا ‹‹ ئىراق ئىسلام دۆلىتى ›› قۇراللىق ئۇنسۇرلىرى باشقا دىن مۇرتلىرىنى ئىراقنىڭ شىمالىي كۇردس رايونىدا تۇتقۇن قىلىپ تۇرغان .

ئامېرىكا مىسسۇرى ئىشتاتىدىكى فىرگۇسون توپىلاڭىدا ، ئاق تەنلىك ساقچىلار قولىدا تۆمۈرنىڭ سونىقىمۇ يوق بىر قارا تەنلىك نامايىشچىنى قولغا ئالغان .

ئاممىۋى ئاپتوبوسنىڭ دېرىزىسىدىن تارتىلغان بۇ سۈرەتتە ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا يۈز بەرگەن رۇسىيەپەرەسلەر ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش زوراۋانلىق ۋەقەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن .

بۇ يىل يازدا غەززە رايونى ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچرىغان . نۇرغۇنلىغان نارسىدىلەر بۇ قېتىمقى بومباردىماندا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

 

 

 



خەتكۈچلەر:
11-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    6-ئاينىڭ 10-كۈنى، بېيجىڭ غەربتىن شەرققە سوزۇلغان بىر مەيدان گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇرنى كۈتۈۋالدى، يامغۇرغا قوشۇلۇپ گۈلدۈرماما ۋە چاقماق چاقتى، قىسمەن جايلاردا مۆلدۈر چۈشتى. سۈرەتتە بېيجىڭ يۈەنمىڭيۈەن ئەتراپ...
28-05-2016
    شىنجاڭ تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا 5 بال شەرقىي شىمال شامىلى چىقىپ، تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇسقا ئۆرلەپ، بۇ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىققان ئىدى. ئۈرۈمچى ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ ...
28-05-2016
         يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم  ھەيران ...
27-05-2016
       5-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋىرى، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كانزاس شىتاتى قارا قۇيۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، قارا قۇيۇن قەدەم باسقان جايلار ئېغىر ۋەيرانچىلققا ئۇچراپ، ئۆيلەرنىڭ بىرسىمۇ ساق قالمىغان. قارا قۇيۇن يېت...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈش سائەت 12 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ ئامامى ئوشىما ئارى...
27-05-2016
        5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
26-05-2016
   مۇخبىرنىڭ 24-ماي سىچۈەن ئورمانچىلىق بايلىقى ۋە ئۈنۈمنى كۆزىتىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە سىچۈەندە سۈنئىي كۆپەيتىلگەن مۈشۈكئېيىق سانى 364كە يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۈشۈكئېيىق ...
26-05-2016
  سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئاستا-ئاستا ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا تۇز سىزىق بويىچە ئۆرلەيدىكەن. 25-ماي يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃27 بولغان. بۈگۈن (26-ماي) يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ℃30 بولۇشىدا ئۈمىد زور ئىكەن. ...
26-05-2016
 شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈچ يىللىق باسقۇچلارغا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، كۆلىمى 304 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ باغچىسى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 8-شەھەر دەرىجىلىك باغچا...
26-05-2016
سۈرەتتە: ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى ياماگۇچى ئۆلكىسى شىمونوسېكى شەھىرى (Yamaguchi Prefecture Shimonoseki City) سۇ جانلىقلىرى سارىيى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىككى قەلئە پىنگىۋىنىنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچ...
Powered by Leglek