چوڭ مېڭىگە پايدىلىق ھەرىكەتلەر

سىنا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ھەرىكەت چوڭ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاستە،ئۇ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپلا قالماستىن يەنە چوڭ مېڭىدە بولىدىغان تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.يېقىندا ئامرېكىلىق مۇتەخەسسىلەر ئېلان قىلىپ كىشىلەرگە چوڭ مېڭىگە پايدىلىق ئالتە ھەرىكەتنى تۇنۇشتۇردى.

ئۇسسۇل ئويناش :ئۇسسۇل ئويناش ئادەمنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىپلا قالماستىن يەنە بىلىش توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايانكى ،ئۇسسۇل ئويناش كىشىلەرنىڭ بىلىش توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكىگە گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقىنى %76 تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.چۈنكى ئۇسسۇل چوڭ مېڭىدىكى ھەر قايسى رايۇنلار ئارا نېرۋا ئىقتىدارىنى بىراقلا ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ قول ۋە پۇتنىڭ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش كۈچىنى زورايتىدىكەن.

كىتاب ئوقۇش :كىتاب ئوقۇش كىشىلەرنىڭ بىلىش توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكىگە گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقىنى %35 تۆۋەنلىتىدۇ.سىتانفورد ئۈنۋېرستىتىدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە ،كىتاب ئوقۇش كۆپ خىل مۇرەككەپ بىلىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن.بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىدىكى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايۇنلارنىڭ قان ئايلىنىشىنى كۈچەيتىدىكەن.كانادالىق مۇتەخەسسىلەر مۇنداق دەيدۇ:《كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ تىل ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرىدۇ،بىلىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلايدۇ،تەپەككۇر كۈچىنى زورايتىدۇ》

ئەقلىي ئۇيۇن :ئەقلىي ئۇيۇن بولسا ئادەمنىڭ سىفىردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى ،ماسلاشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش كۈچى ،ھۆكۈم قىلىش ۋە ئجتىمائىي ئالاقە ماھارىتىنى كۈچەيتىدۇ.ئادەمنىڭ تۈرلۈك ئەقلىي ئۇيۇن ئويناش ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىنىشى ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكىگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنىڭ زورايغانلىقىغا باراۋەر بۇلۇپ ،خەت تېپىش ئۇيۇنى ئادەمنىڭ بۇخىل كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقىنى %47 تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

سۇ ئۈزۈش :بەدەن سۇغا چىلانغاندا يۈرەكنى ،چوڭ مېڭىنى قان بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقۇرى چەككە يىتىدىغان ئورۇنغا تەڭشەيدۇ.ئاۋىستىريىلىك مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەيدۇ:《ئادەم سۇغا چۈمۈلگەن چاغدا ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئارتىيىدە قاننىڭ ئېقىش مىقتارى %14 كۆپىيىدۇ،باشقا تۇمۇرلاردىكى قان مىقتارىمۇ مۇناسىپ ھالدا كۆپىيىپ بارىدۇ. 》

ساز چېلىش :مۇتەخەسسىلەر مۇنداق دېيىشتى:《ياشلىق مەزگىلىدە ساز چېلىشنى ئۆگەنگەن كىشىلەرنىڭ ياشانغان چاغدىكى تۇرمۇشى ئىنتايىن مەزمۇنلۇق ۋە خوشال ئۆتىدۇ،چۈنكى ساز چېلىش مۇسكۇللارنىڭ ئەستە ساقلاش ،قول بارماقلىرىنىڭ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ ،بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇرچانلىقىنى ئاشۇرۇپ چوڭ مېڭىدە قۇرۇلما مەنبەلىك ئۆزگىرىش پەيدا بۇلىدۇ》

ئەر -خۇتۇنلۇق مۇناسىۋەت :ئامرىكىلىق مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دىيىشتى :《ئەر خۇتۇنلۇق مۇناسىۋەت چوڭ مېڭىدىكى ھەر قايسى رايۇنلار ئارا قان ئايلىنىش مىقتارىنى كۈچەيتىدۇ ،شۇنداقلا ھەرخىل ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ چوڭ مېڭىگە تۇلۇق يەتكۈزۈلىشىگە تۈرتكە بۇلىدۇ بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭە نېرۋىلىرى ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ئاكتىپ يۈرۈشۈش كۈچۈيىدۇ.》

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
23-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek