ياپونىيە كيودو ئاگېنتىلىقىنىڭ 15-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە: يېقىندا ھىندونېزىيەدە ئاسىيا ئافرىقا ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى بىلەن باندوڭ يىغىنىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو، يىغىندا سۆز قىلغاندا، ئۇرۇش ئۈستىدە قايتا ئويلىشىدىغانلىقىنى، بىراق ئەپۇ سورىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كيودو ئاگېنتىلىقى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: ئابې شىنزو 22-ئاپرېلدىكى يىغىندا بەش مىنۇت سۆز قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كىيىن تىنچ دۆلەت قۇرۇش يولىدا مېڭىپ، ئاسىيانىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ھەمدە دۇنيا ئۈچۈن تېخىمۇ زور خەلقئارا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved