يەمەندە ھاۋا ھۇجۇمى قايتىدىن باشلاندى

جاھان ئاگېنتلىقى 23-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ھاۋا ھۇجۇمى ئاياغلاشقانلىقى جاكارلانغان بولسىمۇ ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا. تۈنۈگۈن كەچتە بىرلەشمە ئارمىيە جەڭ ئايرۇپىلانلىرى ھۇسىيلەرگە ئائىت قىسىملارنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتشىچە، بىرلەشمە ئارمىيە قسىىملىرىغا ئائىت جەڭ ئايرۇپىلانلىرى تائىز ۋىلايىتى چېگرىسىغا يېقىن سەھۇل رايۇنى بىلەن يەرىم رايۇنىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى ئىككى كۈن بۇرۇن يەمەنگە قارىتىلغان ھاۋا ھەرىكتىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، ئەمما چارشەنبە كۈنى ھۇسىيلەرنىڭ كونتروللىقىدىكى تائىز رايۇنىنىڭ غەربىدىكى 35-ئەترەتنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغان ۋە ھۇسىيلەرگە تەۋە تانكىلارغا ۋەيران قىلغان. ئەدەننىڭ شىمالىدىكى لاھىج رايۇنىمۇ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە باياناتچىسى ئەھمەد ئەسىرى، سەيشەنبە كۈنى يەمەندە ھۇسىيلەرگە قارىتىلغان «كەسكىن قارار بورىنى» ھەرىكتىنىڭ تاماملانغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، بۇ قېتملىق ھەرىكەتنىڭ نىشانىغا يەتكەنلىكى ، ئەمدىلىكتە يېڭى بىر سىياسىي باسقۇچقا ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. باياناتچى ئەسىرى، بۇ قېتىملىق ھەرىكەتنىڭ دىققەت قىلنغان ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ھۇسىيلەر ۋە سابق پرېزىدېنت سالىھنىڭ نىشانلىرىغا زەربە بەرگەنلىكى، شۇنداقلا بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ يەمەن ھۆكۈمىتى ۋە پرېزىدېنتنىڭ تەلىپى بويىچە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەسىرى يەنە، ئۈچ خىل ئەھۋالدا يەمەنگە قايتىدىن ھەربىي مۇداخىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دىگەن؛ «ھۇسىيلەرنىڭ يەمەندە قايتىدىن ھەرىكەتكە كېلىشى، يەمەن خەلقى ئۈچۈن يېڭىدىن تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى ۋە مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزگەن ئەھۋالدا بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھۇسىيلەرنىڭ قوشنا دۆلەتلەر ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىشىمۇ قايتىدىن ھەربىي ھەرىكەت باشلاشنىڭ سەۋەبى دەپ قارىلىدۇ» دىگەن.



23-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek