تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن چېگرا ھەربىي بازىسىنى ئېچىۋېتىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

تۈركىيە تۈنۈگۈن ئامېرىكا بىلەن چېگرا دائىرىسىدىكى ھەربىي بازىسىنى ئېچىۋېتىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى چۆچۈتتى. بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا تۈركىيە 12-ئۆكتەبىر زور قارار چىقىرىپ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا قارشى ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەربىي بازىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ تەشكىلاتقا ھاۋادىن زەربە بېرىشىگە ھەمدە تۈركىيەدە يەر يۈزى ئۇرۇش قىسمى خادىملىرىنى تەربىيەلەشكە قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يەنە مۇنداق دېدى: ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان قوشنا دۆلەت تۈركىيە ئىزچىل تۈردە كۆزىتىش پوزىتىسىيەسى تۇتۇپ كەلدى، يېقىندىكى يول قويۇش تەدبىرى بۆسۈش دەپ قارالدى. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ زىددىيەتلىك گەپ-سۆزلىرى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا قارشى ئىتتىپاقىنىڭ قىيىنلىقىنى تولۇق پاش قىلدى، تۈنۈگۈن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى سۈرىيە ۋە ئىراقتىن ئىبارەت ئىككى لىنىيەدە داۋاملىق ئىلگىرىلىدى.


يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش جەھەتتە تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى سۇسان رايىس يېقىندا ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ۋەكىللىرىنىڭ كېڭەشكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە مۆتىدىل بولغان سۈرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنى تەربىيەلەپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشتىكى قوراللىق كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

تۈركىيەنىڭ بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى 12-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى ئىسپاتلىدى: تۈركىيە سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى ئەربابتىن 4 مىڭ كىشىنى تۈركىيەدە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى ھەمدە تۈركىيە ئالاھىدە قىسمى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەربىيەلىشىگە قوشۇلدى. تەربىيە ئالغۇچىلار ئالدى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئاخبارات تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدۇ. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ بۇ قېتىم ئېچىۋېتىدىغان بىرقانچە ھەربىي بازىسى تۈركىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ بازا سۈرىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا ھاۋادىن زەربە بېرىشتىكى چوڭ لاگېر قىلىشقا بولىدۇ.


كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى تۈنۈگۈن تۈركىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ئامېرىكىنىڭ گېپىنى ئىنكار قىلدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇت ئوغلى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىغا ئىنجىرىك ھەربىي بازىسىنى ئېچىۋېتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنمىدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر تۈركىيە ئەمەلدارى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئىنجىرىك ھەربىي بازىسىنى ئېچىۋېتىش، تۈركىيەدە مۇساپىرلار بىخەتەرلىك رايونى قۇرۇش قاتارلىق ئىشلار يەنىلا كېڭىشىش ئىچىدە تۇرماقتا.


ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا بۇندىن بۇرۇن تۈركىيە بىلەن پائال كېڭەشكەن، تۈركىيەنى تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىشقا كۆندۈرمەكچى بولغان. سۇسان رايىس مۇنداق دېدى: تۈركىيە كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن تۆھپە قوشسا بولىدۇ. تاراتقۇلار مىسال قىلىپ مۇنداق دېدى: چەتئەللىك غازاتچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئەسەبىي تەشكىلاتى كىرىشى ھەمدە ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ نېفىت ئېكسپورت يولىنى ئۈزۈپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تۈركىيە كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدۇ. 12-ئۆكتەبىر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگىل تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يىلماز بىلەن تېلېفونلىشىپ، تۈركىيەنىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار ئىشلىرى ھەمدە چېگرا بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى ماختىدى.


فرانسىيە ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: گەرچە ئوباما ھۆكۈمىتى بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشتە يەر يۈز قىسمى چىقارمايدۇ دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن 12-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلىمى بۇ مەسىلىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى. ئامېرىكا شىتاپ باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى دېنمپىسى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى بۇندىن كېيىنكى يەر يۈزى ھەربىي ھەرىكىتىدە تېخىمۇ بىۋاسىتە رول ئوينىشى مۇمكىن. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: كەلگۈسىدە ئىراق ھۇجۇم باسقۇچىغا كىرگەندە يەر يۈزىدە بىر قانچە مەيدان ئۇرۇش قىلىشتا توغرا كېلىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە موسولنى ئىگىلەش ئۇرۇشى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش . ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇرۇش مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، شۇ چاغدا بىز ھازىرقىغا ئوخشىمايدىغان ياردەم شەكلىنى قوللىنىمىز. ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانېيتا مۇنداق دېدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يوقىتىش ئۈچۈن زۇڭتۇڭ تېخىمۇ كۆپ تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىشى كېرەك.


فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ قارىدى: ئىراقنىڭ يەر يۈزى قىسمىنىڭ ئۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز، بۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تېخىمۇ بىۋاسىتە شەكىل قوللىنىپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.



خەتكۈچلەر:
15-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek