ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خالىدەم توختى خەۋىرى، فوتوسى: ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭ بىندا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئەڭ چوڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش بازىسى قۇرۇش تۈرى بويىچە 14-مارت توختام ئىمزالىغان بولۇپ، 67 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈر ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ «ppp» مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان، داڭلىق كارخانىلارنى ياشانغانلار كۈتۈنۈش تىجارەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىگە قارىتا بىر قېتىملىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشقا جەلپ قىلىدىغان، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەڭ چوڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش بازىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ بازىنىڭ ئورنى ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ «4A» دەرىجىلىك جىغانلىق سۇلۇ يەر باغچا رايونىغا جايلىشىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 22 مىڭ 333 كىۋادرات مېتىر. بۇ بازا ياشانغانلار كۈتۈنۈش بىناسى، ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيەت مەركىزى ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال ياشانغاندا كۈتۈنۈش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدىكەن.
ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ «يېرىم تاغ، يېرىم بۇلاق شەھىرى»، «چېگرا بوستانلىقى» قاتارلىق چىرايلىق ناملىرى بار، ناھىيەنىڭ ھاۋاسى ئىللىق، ئېكولوگىيەسى بۇلغانمىغان، تەبىئىي مەنزىرە رايونلىرى كۆپ، بۇلاق سۈيى مەنبەسى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى دەم ئېلىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان ساياھەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. تۈر قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كىيىن، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش، «يىپەك يولىدىكى بۇلاق شەھىرى . گۈزەل ئۈچتۇرپان» ساياھەت ماركىسىنى يارىتىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved