بەيدۇ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ج ك پ مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 4-ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە ئامانلىقىنى ھەقىقىي قوغداش بويىچە 14-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگنىش ئېلىپ باردى .ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇنداق دېدى :‹ يېڭى ۋەزىيەتتىكى يېڭى خىرىس ئالدىدا دۆلەت خەۋەپسىزلىكى جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش قارىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، قوش يۈز يىل كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ،جايلار تارماقلار ئۆز ۋەزىپىسىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ زىچ ماسلىشىپ ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ،مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بلەن ئۈستىگە ئېلىپ دۆلەت خەۋەپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداشتا قۇدرەتلىك بىرلەشمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك ›.
مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىدىن يولداش ۋاڭ يۇڭچىڭ بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى ۋە تەكلىپ پىكىرلەر ئۈستىدە توختالدى ،ج ك پ مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىرۇسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى .
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى :‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ،خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ,ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش ،ئۇ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ،خەلقنىڭ بەختىنى قوغدايدىغان كۈچ ، قەتئىي كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ ،قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى ساقلاپ ،زوراۋان تېرورچىلارنىڭ ھەدىدىن ئېشىپ كېتىشىنى توسۇش كېرەك . تروررلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىپ ،مۇكەممەللەشتۈرۈپ ،تېررورلۇققا قارشى خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ،تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېزەك .مەخسۇس تۈزەش بىلەن ،ئامما تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش ،ئاممىغا تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ ،ھەر خىل شەكلىدىكى ئامما لادىنى ئېلىش ، ئامما تېزگىنلەش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ ،پولات قورغان بەرپا قىلىپ ، زوراۋان تېرورچىلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر -ئۇرغا قالغاندەك يوقىتىش كېرەك . ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ،دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنى توغرا يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ ، ھەم ئۇلارنىڭ نورمال دىنى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ،ھەم دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش كېرەك ›. ›زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ، ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقنى كۆزگە ئىلمايدۇ ،ئىنسانپەرۋەرلىكىنى دەپسەندە قىلىدۇ ،ئىنسانىيەت ئورتاق مەدەنىيىتىنىڭ تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ ، ئۇ مىللي مەسىلىمۇ ئەمەس ، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى .بىز ھەرمىللەت كادىرلىرى ئاممىسىغا ،قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشىنىپ ھەم تايىنىپ ،ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ،بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك .يېڭى ۋەزىيەتتە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىپ ،مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ، بىرلىكتە گۈللىنىپ تەرەققى قىلىدىغان ،ئاساسىي تېمىدا چىڭ تۇرۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ ،ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك . ئاساسىي قاتلام تەشكىلات ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ،ئاممىۋىي خىزمەتنى چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە ئىشلىشى لازىم .پارتىيەنىڭ مىللەت دىن سىياسىتىنى توغرا ئىگىلەپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسى كۆرسىتىدىغان زددىيەتلىك ماجىرالارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ ، چېگرا ئىچى -سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ ،بۆلگۈنچىلىك قىلىشنى ، سىڭىپ كىرىشىنى ،بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى قەتئىي چەكلەش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش كېرەك ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ ،جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى چوقۇم ياخشى ئىشلەپ ،ئىجتىمائىي زىدىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ،تۈزۈم ، مىخانىزم ، سىياسەت ، خىزمەت جەھەتلەردە ئىجتىمائىي زىدىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،ھەل قىلىش خزمىتىنى پائال تېزلىتىش لازىم ،تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ، ماسلىشىشچان ، تەرەققىيات مۇقىملىقىنى كۈچەيتىپ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ،ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش لازىم .جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،خەلقنىڭ شەرىپ نۇمۇس تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نۇقتىسى قىلىشنى تېزلىتىپ ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى مەنپەئەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ،تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق ۋو كۆپ بەھرىمان قىلدۇرۇش كېرەك .ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتنى قوغدايدىغان ، تۈزۈم ممىخانىزىمىنى ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ، مەنپەت توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېزگىنلەش لازىم ،دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ ،خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشى لازىم ›.
شىن جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى :‹ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ،پارتىيىمىز مۇقىملىق مۇناسىۋىتىنى ئىزچىل توغرا بىر تەرەپ قىلىش قا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ دۆلەت خەۋەپسىزلىكى ۋە دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداشنى دۆلەت ۋە پارتىيىنىڭ ئۇللۇق خىزمىتى دەپ قاراپ كەلدى ،بىز ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئومۇملىقىنى ساقلاپ ،ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلۇشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ كەلدۇق ، خاتىرجەم ۋەزىيەتتە خەۋىپنى ئۇنتۇماسلىق ،مەۋجۇت بوپ تۇرغاندا يوقىلىشىنى ئۇنۇتماسلىق ،تۈزىگەندە قالايمىقانچىلىقنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك، شۇنداقلا شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى ،يېڭى ۋەزىيەتتە ئېلىمىزنىڭ دۆلەت خەۋەپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى دۇچ كېلىدىغان تەھدىت ۋە خىرىسلارمۇ كۆپ ، بولۇپمۇ تۈرلۈك تەھدىت ۋە خىرسلارنىڭ ئىپادىسى روشەن .شۇڭا كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ ،دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كېلىدىغان خەۋىپدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئە كۆرۈپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ جەمئىيەت ئامانلىقى دۇچ كېلىدىغان خىرسىلارغىمۇ ئۈنۈملۈك مۇداپىئە كۆرۈپ ۋە تەدبىر قوللىنىشىمىز كېرەك ›.
شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق دېدى :‹جايلار تارماقلار ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ،ئېلىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئۆز گۈرۈشىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى ،يېڭى يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ ،ھەم تاشقى خەۋپسىزلىككە ھەم ئىچكى خەۋپسىزلىككە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇشى ،ھەم زېمىن خەۋپسىزلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشى ،ھەم پۇقرالار خەۋپسىزلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشى ،ھەم ئەنئەنىۋىي خەۋپسىزلىككە ئەھمىيەت بېرىشى ،ھەم ئەنئەنىۋى بولغان خەۋپسىزلىككە ئەھمىيەت بېرىشى ،ھەم تەرەققىيات مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشى ،ھەم خەۋپسىزلىك مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشى ،ھەم ئۆزىدىكى خەۋپسىزلىككە ئەھمىيەت بېرىشى ،ھەم ئورتاق خەۋپسىزلىككە ئەھمىيەت بېرىشى ،دۆلەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك .خەلق ئاممىسىغا بولغان دۆلەت خەۋەپسىزلىكى تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ،ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋەپسىزلىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ، ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved