مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئىشلىتىشكە قولايلىق بولغاچقا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولدى. ئۇنداقتا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئىشلىتىش ۋە ئاسراشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
1.مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئامال بار شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئورۇنغا قويۇش، يېنىغا ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ماددىلارنى قويماسلىق كېرەك، بولمىسا بۇنداق ماددىلار ئوچاقتىكى ماگنىت مەيدانىنىڭ تەكشى ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تېلېۋىزور، رادىيو قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بىلەن مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئارىسىدا بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاش كېرەك، بولمىسا تېلېۋىزور بىلەن رادىيونىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2.مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا يېمەكلىكلەرنى سالماي تۇرۇپ، توكقا چاتماسلىق كېرەك. ئەگەر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق مەشغۇلات ھالىتىدە تۇرۇپ قالسا، ماگنىتلىق تىزگىنلىگۈچى لامپا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
3. ئومۇمەن مېتالدىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرى، بامبۇك بۇيۇملار، پىلاستىك بۇيۇملار، فارفور قاچا – قۇچىلار ئىسسىقلىققا چىدامسىز كېلىدۇ، بۇلاردىن باشقا ئويمان – دۆڭ ھالەتتىكى ئەينەكتىن ياسالغان بۇيۇملارنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىشقا بولمايدۇ. يېمەكلىك سېلىنغان قاچىلارنى چوقۇم مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىدىغان تەخسىسىگە قويۇش، بىۋاسىتىلا ئوچاق بوشلۇقى ئىچىگە قويۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
4. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى قىزدۇرۇش ۋاقتى ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ماتېرىيال بىلەن ماتېرىيالنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى، شۇنىڭدەك يېمەكلىكنىڭ يېڭىلىق دەرىجىسى، سۇ تەركىبى قاتارلىقلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى كېرەك. ئادەتتە ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى قىزدۇرۇش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەگەر يېمەكلىكنىڭ قىزدۇرۇش ۋاقتىنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرەلمىگەن ئەھۋالدا، قىسقا ۋاقىت قىزدۇرۇلسا، ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ، قىزدۇرغاندىن كېيىن يېمەكلىك ئەھۋالىغا قاراپ قىزدۇرۇش ۋاقتىنى يەنە مۇۋاپىق ئۇزارتىش كېرەك. ئەگەر قىزدۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە، يېمەكلىك قېتىپ قالىدۇ ھەم يېمەكلىكنىڭ رەڭگى ۋە تەمى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چۈشىنىۋېلىش لازىم.
5.پوستى سويۇلمىغان تۇخۇم، ھىم ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا بىۋاسىتە سېلىپ قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا پارتلاش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ.
6. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئىشلەتكەندە، ئوچاق ئېغىزىنى مەھكەم يېپىش، زەنجىرسىمان ئۇلىغۇچ بىلەن بىخەتەر ئۇلىغۇچنىڭ ھىم تېگىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ بولۇپ يەنە دەرھال ئېچىپ يېمەكلىكنى ئالماسلىق كېرەك، ئېغىزىنى ئېتىپ بىر مىنۇتتىن كېيىن يېمەكلىكنى ئالسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
7.ئوچاق ئىچىنى دائىم پاكىز تۇتۇش كېرەك. توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن، ھۆل داكا ۋە نېيترال خۇسۇسىيەتلىك يۇغۇچ بىلەن ئىچىنى پاكىز سۈرتۈش، ھەرگىزمۇ سۇ بىلەن يۇيماسلىق كېرەك، بولمىسا سۇ ئوچاقتىكى توك مەنبەسىگە ئېقىپ كېرىپ كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
8.قەرەللىك تۈردە ئوچاق ياپقۇچنىڭ ئەتراپى ۋە ياپقۇچ قۇلىپىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك، ئەگەر ياپقۇچى ھىم يېپىلمىسا، ئىشلىتىشتىن توختىتىپ، مىكرو دولقۇننىڭ قېچىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق رادىياتسىيەسىنىڭ كۆزگە زىيان سېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يۈزنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق دېرىزىسىگە يېقىن ئەكىلىپ تەكشۈرمەسلىك كېرەك. ئۇنداق قىلىش سالامەتلىككە، بولۇپمۇ يۈز تېرىسىگە زىيانلىق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved