نۆۋەتتە ياۋروپا، ئامېرىكىدا تەنھەرىكەتچىلەر ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان تەنتەربىيە قورالى «ئۇچار خەنجەر» 2500 يىل ئىلگىرى شىنجاڭلىقلار ئوۋ ئوۋلاشتا ئىشلەتكەن ماتېرىيال ئىكەن. يېقىندا، شىنجاڭدىكى قەدىمىي كىشىلەرنىڭ تەبىئىي ئەگمە ياغاچتىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ قۇش، توشقان قاتارلىق ھايۋانلارنى ئوۋلىغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇ غەلىتە ۋە ئەپچىل قورال شىنجاڭدىكى قەبرىلەرگە كۆمۈلگەن 10غا يېقىن قورالنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ۋە تۇرپان مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان.