ئىتالىيە دۆلەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ‹‹ خەلقئارالىق ئۆسمە كېسەللىكلەر ژۇرنىلى ›› دا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، قېتىقنى كۆپ ئىستېمال قىلىش جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. ئەگەر ھەر كۈنى قېتىق ئىچىپ بەرسە جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن % 78 تۆۋەن بولىدىكەن .تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشچە ، ھەر كۈنى ئىككى – ئۈچ قېتىم قېتىق ئىستېمال قىلىش ، لېكىن كۈنلۈك ئىستېمال مىقدارى 300 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەككەن .
ئوزۇقشۇناسلارنىڭ قارىشىچە ، كەچتە قېتىق ئىچىشنىڭ پايدىسى كۆپكەن. چۈنكى كالتىسىي تولۇقلاش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، كېچىسى ئادەم بەدىنى كالتسىيلىق تەركىبلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كالتسىينىڭ مېتابولىزمىمۇ ناھايىتى ئاستا ئېلىپ بېرىلدۇ . شۇ سەۋەبلىك ئۇخلاشتىن بۇرۇن تەركىبىدە كالتسىي مىقدارى كۆپرەك بولغان يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش زۆرۈر .
ئۇنىڭدىن باشقا قېتىق تەركىبىدىكى كىسلاتا ئاشقازان – ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىدۇ . شۇڭا كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئىككى سائەتتىن كېيىن ئىچىش ، ئاچ قورساققا ئىچمەسلىك كېرەك . چۈنكى ئاچ قورساق قېتىق ئىچسە قېتىق تەركىبىدىكى كىسلاتالىق تەركىبلەر ئاشقازان كىسلاتالىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ ، قېتىقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ .
بۇنىڭدىن باشقا قېتىق توغرىسىدا بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەرمۇ خېلى كۆپ .مەسلەن ،قېتىق بولسا كالا سۈتىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ بەلگىلىك مىقداردىكى سۈتكە ئېچىتقۇ ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ. سۈت ئېچىتىلغاندىن كېيىن، سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل ئۇيۇپ، سۈت شېكەرلىرى پارچىلىنىپ، گالاكتوزا ياكى گلۇكوزىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى ياخشىلايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قېتىقنىڭ تەركىبىدە بىر ئاز ئانتىبىئوتىك بولۇپ، ئۈچەيدىكى زىيانلىق كېسەللەندۈرگۈچى باكتېرىيىلەرنى چەكلەش، تىزگىنلەش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، كېسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
يەنە، قېتىق تەركىبىدىكى سۈت ئېچىتقۇ باكتېرىيىسىدە ئۈچەي يولىدىكى خىلمۇخىل ئادەم بەدىنىدىكى زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسى بار. شۇڭا قېتىق ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئوزۇقلۇقى بولۇپ، خاتىرجەم ھالدا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved