جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئالدىنقى ھەپتىدە ئاي پەرىسى 3-نومۇرلۇق ئايغا قونغۇچى ئۈسكۈنە تارتقان ئاينىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەڭلىك سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئومۇمىي سىغىمى جەمئىي 35GB بولۇپ، Planetary.org تور بېكىتى بۇ سۈرەتلەرنى تولۇق چۈشۈرۈپ رەتلىگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان، ئابونتلار ئەسلى تور بېكەتتە بىۋاستە ھالدا ئاينى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ۋە ئاي پەرىسى ناملىق ئايغا قونغۇچى ئۈسكۈنىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردا تۇرۇپ تارتقان ئاي شارىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلىرىنى زىيارەت قىلالايدۇ.
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار ئامازوننىڭ AWS مۇلازىمىتىرىدا ۋاكالىتەن ساقلىنىدۇ. ئاي پەرىسى 3-نومۇرلۇق ئايغا قونغۇچى ئۈسكۈنە 2013-يىلى 12-ئايدا ئايغا قونغان، ئاينى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بولسا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن 2014-يىلىنىڭ بېشىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن توختىتىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved