يەر شارىدىكى ئەڭ ئىلغار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا نەزەر

     2012-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىۋېيتسارىيەنىڭ ئېممېن ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا، كىشىلەر كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئىسرائىلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئىشلەپچىقارغان «سۇر لەيلەك» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا. ئۇچقۇچسىز ئايروپىلان يەنە بوشلۇقتىكى ماشىنا ئادەم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭغا تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن بولۇپ، ئالدىن بېكىتىلگەن سىستېما بويىچە ئاپتوماتىك ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ، مەشغۇلات خادىملىرى يىراقتىن ۋەزىپىنىڭ تاماملىنىشىنى كونترول قىلىدۇ. 

    بۇ سۈرەت 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان بولۇپ، تىنچ ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ترۇمېن» ناملىق ئاۋىياماتكىسىدا، X-47B ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ كۆرگەزمە قىلىنماقتا. «ترۇمېن» ناملىق ئاۋىياماتكا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېلىپ يۈرىدىغان ئاۋىياماتكىسى ھېسابلىنىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ ئىقتىدارى، رادار ۋە ئالاقىلىشىش قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان پەقەت بىر نوقۇل ھالدىكى ئۇچقۇچى مەشغۇلات قىلمايدىغان ئايروپىلانلا ئەمەس، بەلكى بىر خىل مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئايلاندى.

  ئامېرىكا ئارمىيەسى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان بۇ سۈرەتتە ئايان بولۇشىچە، قورال سەپلەنمىگەن «كۆلەڭگە» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن. ئىشلىتىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان نىشان ئايروپىلانى، چارلاش ئايروپىلانى، ئېلېكترونلۇق جەڭ ئايروپىلانى، ھۇجۇم ئايروپىلانى، يەمچۈك ئايروپىلانى ۋە ئالاقە ئۈزۈش ئايروپىلانى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسى نۇرغۇن تېخنىكا ساھەلىرىدىكى ئۆتكۈر تېخنىكىلارغا تاقىشىدۇ. ئۇنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىگە قويغان تەلىپى نىسبەتەن يۇقىرى.

  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاۋىياتسىيە-ئالەم بوشلۇقى كۆرگەزمىسى گۇاڭدۇڭنىڭ جۇخەي شەھىرىدە باشلاندى. كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان مەملىكىتىمىزنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياساش ساھەسى ئىشلەپچىقارغان «پتېروزاۋور» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىسى كۆرگەزمىدە نامايان بولدى. بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا 100 ئات كۈچىگە ئىگە بىر پورشېنلىق موتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇچۇش ۋە قونۇشنى ئاپتوماتىك تاماملىيالايدۇ، ئەڭ چوڭ ئۇچۇش ئېغىرلىق مىقدارى 1100 كىلوگىرام، ئەڭ ئۇزاق ئۇچۇش ۋاقتى 20 سائەتكە يېتىدۇ.

 

    2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاۋىياتسىيە-ئالەم بوشلۇقى كۆرگەزمىسى گۇاڭدۇڭنىڭ جۇخەي شەھىرىدە باشلاندى. كۆرگەزمىدە جۇڭگو ئاۋىياتسىيە پەن-تېخنىكىسى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ 11-تەتقىقات يۇرتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «ھەسەن-ھۈسەن-4» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. بۇ تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شياۋجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،«ھەسەن-ھۈسەن-4» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ قانىتى 18 مېتىرغا ئۇزارتىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى، ئۇچۇش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھېسابلىنىدىكەن. بۇ خىل ئايروپىلان چېگرا چارلاش، دېڭىزدىكى ئاراللارنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشى قىلىش، جىددىي ئەھۋالدا ئالاقىلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشقا ماس كېلىدىكەن. بۇ ئايروپىلاننىڭ ئۇنىۋېرسال چارلاش ۋە زەربە بېرىش ئىقتىدارى ئوخشاش تىپتىكى ئامېرىكىنىڭ «ئوۋچى» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، كارپ دېڭىز تەۋەلىكىدە، «BQM-74E» تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ئاندېرۋود» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرىدىغان قوغدىغۇچى پاراخوتتىن ئۇچتى.

  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، بىر «ياۋروپا بۈركۈتى» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان گېرمانىيەنىڭ مۇسىڭدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قوندى. «ياۋروپا بۈركۈتى» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا 20 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە ۋەزىپە ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ، ئۇدا ئۇچۇش ۋاقتى 30 سائەتتىن ئاشىدۇ.

    2010-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، گېرمانىيەنىڭ خامپشىر ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن فارنبوروگ ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىدە، بىر «يەرشارى بۈركۈتى» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كۆرگەزمە قىلىندى. «يەرشارى بۈركۈتى» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بولۇپ، ئامېرىكا تۇپرىقىدىن ئۇچۇپ دۇنيانىڭ ھەرقانداق نۇقتىسىدا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلالايدۇ.

  بۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ MQ-8B «ئوت كۈچى چارلىغۇچى ئەسكەر» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ماتېرىيال سۈرىتى. ئامېرىكا 2011-يىلى لىۋىيە ئارمىيەسىگە قوزغىغان ھەرىكىتىدە «ئوت كۈچى چارلىغۇچى ئەسكەر» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئىشلەتكەن.

 ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلان قىلغان سۈرىتىدە ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا قايتا ئىشلىتىلگەن ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن X-37B ھاۋا كۈرەشچى ئايروپىلانى ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتى تىتۇسۋىل ئاۋىياتسىيە تەجرىبە مەيدانىدىكى قويۇپ بېرىش ئورنىغا كىردى. X-37B ھاۋا كۈرەشچى ئايروپىلانى يەرشارى ئوربىتىسىدا ئۇچالايدۇ. يەنە ئاتموسفرا قاتلىمىغا كىرىپ، ۋەزىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن يەر يۈزىگە ئاپتوماتىك قايتالايدۇ.

 

  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىسرائىلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «ھېرمېس 900» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېممېن ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا كۆرگەزمە قىلىندى.

  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىنىڭ پىرېسفورتتا بىر تېخنىك خادىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى تەڭشىمەكتە.

  2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ياۋروپانىڭ  بىر «نېۋرون» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئەسلى تىپى فىرانسىيەنىڭ ئىستېل ئايرودرومدىن ئۇچۇپ، تۇنجى قېتىم ئۇچۇش سىنىقى قىلغان.

  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ياپونىيەنىڭ توكيودا بىر ئىنژېنېر ئالىي دۆلەت مۇداپىئە تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان شارسىمان چارلىغۇچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى نامايان قىلماقتا.

  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئافغانىستاننىڭ لوگار ئۆلكسىدىكى بىر ئالدىنقى سەپ بازىسىدا، «كۈلرەڭ بۈركۈت» ناملىق ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان توختىتىپ قويۇلغان.



خەتكۈچلەر:
20-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek