بالىلاردىكى ئاتا-ئانىغا تايىنىۋېلىش «كېسىلى» نى ۋاقتىدا داۋالىغان تۈزۈك

تۇرسۇن قۇربان

 


ھازىر، كۆپىنچە ئائىلىلەر يالغۇز پەرزەنتلىك بولغاچقا، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى ئەتىۋارلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەزى بالىلار مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ، ئاتا – ئانىغا تايىنىۋېلىش ‹‹كېسىلى››گە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. يېقىندا، سىرتقا كاماندىروپكىغا بېرىپ، قوشنا ناھىيەلەردىن كەلگەن كەسىپداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ، بۇ جەھەتتىكى قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئاڭلىدىم.


مەلۇم ئورۇندا رەھبەر بولغان بىرەيلەننىڭ ئوغلى بىلەن يېقىن ئۆتەتتىم، – دەپ گەپ باشلىدى بىرەيلەن: ئۇنى ئاتا – ئانىسى كىچىكىدىن نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىپ، ئەركە ئۆگىتىپ قويغانىدى. كېيىن ئۇ مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقىيالمىدى، ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتەلمىدى. ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا دۇكان ئېچىپ بېرىپ، ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، بالىسىنىمۇ بېقىپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يا بىر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتمىدى، تۇتسىمۇ ئەپلەشتۈرەلمەي، يەنىلا ئاتا – ئانىسىنىڭ سايىسىدا ياشاشقا مەجبۇر بولدى.

چۈنكى ئاتا – ئانىسى ئۇنى ‹‹توققۇزى تەل بەگزادە›› قىلىپ ئۆگىتىپ قويغانىدى!؟


ناھىيەمىزنىڭ مەلۇم ئىدارىسىگە بىر يىگىت چېنىقىشقا چۈشۈپتۇ، ئىدارە باشلىقىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، بۇ يىگىتنى ‹‹كۈتۈش›› ناھايىتى تەسكە توختاپتۇ، چۈنكى بۇ ‹‹بەگزادە›› نازىر دادىسىنى پەش قىلىپ ئىدارىگە ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويۇپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندە ھاراق ئىچىپ جىدەل چىقىرىپ ئىدارە باشلىقىغا ئاراملىق بەرمەپتۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ نازىرنىڭ ئوغلى بولغاچقا نازارەتتىمۇ باشقۇرۇش تەسكە توختاپتىكەن، دېمەك، بۇ بالىمۇ ئاشۇنداق ‹‹توققۇزى تەل›› ئەركە چوڭ قىلىنغان ‹‹بەگزادە›› ئىكەن... دەپ گەپ تولۇقلىدى يەنە بىرەيلەن.


قىزىم يەسلىگە كىرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا سومكا رەتلەش، قەلەم ئۇچلاش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھەدىسى قىلىپ بېرەتتى، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ قىزىم باشقىلارغا بۇيرۇق سوقىدىغان بولۇۋالدى. بىر كۈنى مەن قاچا يۇيۇۋاتاتتىم، قىزىم قاچا يۇيۇشۇمغا قاراپ تۇردى. مەن كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹قىزىم قاچا يۇيغۇڭىز كېلىۋاتامدۇ؟›› دەپ سورىۋېدىم، ئۇ ‹‹شۇنداق››، دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن كىچىك تەلەڭگىگە سۇ ۋە قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قۇيۇپ، ئۇنىڭغا قاچا يۇيۇشنى ئۆگەتتىم. قىزىم قاچا يۇيۇشنى ئۆگىنىۋالدى.

قورۇما قورۇغاندا مەن ئۇنى ئۆزۈمگە ياردەمچى قىلدىم، ئۇ ماڭا كۆكتاتلارنى ئېلىپ بەردى، مەن ئۇنىڭغا ‹‹توڭلاتقۇدىن شوخلا بىلەن تۇخۇم ئېلىپ بېرىڭە››، دېۋىدىم، ئۇ مەن دېگەن نەرسىلەرنى چاققانلىق بىلەن ئېلىپ بەردى، ‹‹سىز مېنىڭ ياخشى ياردەمچىم!›› دەپ ئۇنى ماختاپ قويدۇم. بۇنىڭ بىلەن قىزىمنىڭ ئۆيدە ئىش قىلىش قىزغىنلىقى كۈنسېرى ئېشىپ، ماڭا دائىم ياردەملىشىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن قىزىمنىڭ مۇستەقىللىقى ئاشتى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئاشتى...›› دەپ گەپ قىستۇردى بىر ئايال كەسىپداش.


دېمەك، بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىغا تايىنىۋېلىش ‹‹كېسىلى›› ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا نازۇك، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، مۇستەقىل قارىشى، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى يوق بىچارە بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا يۇقىرىقىدەك ‹‹بەگزادە››لەر كۆپىيىپ، ئورنىنى تولدۇرغۇسىز ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئىقتىسادى ئەھۋالى ھەر قانچە ياخشى بولغان ئەھۋالدىمۇ بالىلىرىنى ‹‹توققۇزى تەل›› قىلىپ قويغاننىڭ ئورنىغا كىچىكىدىن جاپا – مۇشەققەتكە چىدايدىغان ئىشچان، ئىرادىلىك، ئاددىي – ساددا، ئىقتىسادچىل قىلىپ تەربىيەلىگەن، تۇرمۇشنىڭ ‹‹داشقازانلىرى››دا پىشۇرۇپ، مۇستەقىل ياشىيالايدىغان ئىقتىدار يېتىلدۇرۇپ قويغان تۈزۈك.



خەتكۈچلەر:
10-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
23-05-2016
    مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 50 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپكە ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، ئىككى جايدىكى مائارىپ ئىدارىسى ياردەم كېلىشىمى ئىمزالاپ، ياردەم بېرىش خىزمىت...
23-05-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئاينۇرە خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ (ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە يەسلىلەرگە 11 مىڭ 853 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  ...
21-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2016-يىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى قوبۇل قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىل...
Powered by Leglek