مۇخبىرنىڭ مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 29-ئاۋغۇست مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارار چىقىرىپ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش پەرمانى ئىمزالاپ، قىسمەن جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرغان، مەملىكەت بويىچە جازا ئۆتەۋاتقان 31 مىڭ 527 جىنايەتچى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىنغان.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش قارارى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش پەرمانىغا ئاساسەن، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قانۇن بويىچە كېسىم چىقىرىپ، مەملىكەت بويىچە جازا ئۆتەۋاتقان 31 مىڭ 527 جىنايەتچى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلغان. بۇ ئاساسلىقى مۇنداق 4 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇشىغا، جۇڭگو خەلقنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقانلار، بۇلار 50 كىشى؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن تاشقى ئۇرۇشقا قاتناشقانلار، بۇلار 1428 كىشى؛ يېشى 75 ياشقا توشقان، تېنى ئېغىر دەرىجىدە مېيىپ بولغانلار ھەمدە ئۆزىنىڭ تورمۇشىدىن خەۋەر ئالالمايدىغانلار، بۇلار 122 كىشى؛ جىنايەت ئۆتكۈزگەندە 18 ياشقا توشمىغانلار، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى جازا ئۆتەش مۇددىتى 1 يىلمۇ قالمىغانلار، بۇلار 29 مىڭ 927 كىشى. ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش قارارى ۋە ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش پەرمانىدا بەلگىلەنگەن بىر قانچە خىل ئېغىر جىنايەت ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىدە ئەمەس.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved