ئاپتونوم رايون بىلەن جۇڭگو نېفىت–تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى شېرىكلىشىپ ھەمكارلاشقان قاراماي نېفىت–خىمىيە شىركىتىدە ۋىۋىسكا ئېسىلىپ ئىش باشلاندى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەركەز كارخانىلىرى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە قازاندى

ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەركەز كارخانىلىرى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە قازاندى. ئاپتونوم رايون بىلەن جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرگەن شېرىكلىشىپ ھەمكارلاشقان تۈر جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ قاراماي نېفىت – خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە 18 – ئىيۇل رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلىپ ئىش باشلاندى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن بىلەن جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يىلىن جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى قاراماي نېفىت – خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.
جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ قاراماي نېفىت – خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(تۆۋەندە قاراماي نېفىت – خىمىيە شىركىتى دەپ ئېلىندى)نى جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ قاراماي نېفىت – خىمىيە شۆبە شىركىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(تۆۋەندە شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتى دەپ ئېلىندى) شىرىكلىشىپ قۇرغان. جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى %99 پاينى، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتى %1 پاينى ئىگىلىدى. مۆلچەرلىنىشچە، شېرىك شىركەت ھەر يىلى يەرلىككە 930 مىليون يۈەن باج تاپشۇرىدىكەن، بۇ 2014 – يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىكەن.
مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يەرلىكتە ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى ھەم ئەمەلىي ئىزدەندى. بۇ يىل چاغانلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، ‹‹تەرەققىياتقا ماسلىشىپ يېڭى نورمال ھالەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەش›› تىن ئىبارەت بىر قاتار پائالىيەتلەر يولغا قويۇلۇپ، قاراماي نېفىت – خىمىيە شىركىتىنى قۇرۇش ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم خىزمەت قىلىنىپ، ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر، ھەمكارلىشىش ئۇسۇلى، شىركەت قۇرۇش ۋاقىت جەدۋىلى قاتارلىق مەزمۇنلاردا بىرمۇ – بىر تەلەپ قويۇلدى. جاڭ چۈنشيەن 26 – ماي ۋاڭ يىلىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى ئارىلاشما ئومۇمىي ئىگىلىك ئىسلاھاتى جەھەتتە داۋاملىق باشلامچىلىق رول ئويناپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.
بۇلتۇر 5 – ئايدا شېرىكلىشىپ ھەمكارلىشىش تۈرى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، بۇ يىل 7 – ئايدا شىركەت رەسمىي قۇرۇلغىچە بولغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى، دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە مەخسۇس يىغىن ئېچىلىپ، تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر تەتقىق قىلىندى ۋە ھەل قىلىندى.
جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى قاراماي نېفىت – خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىش باشلىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان مۇناسىۋەتلىك نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ مەركەز كارخانىلىرىنى يەرلىكتە رويخەتكە ئالدۇرۇش خىزمىتىدە مۇھىم قەدەم بېسىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماستىن، يەنە يەرلىك باجنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر ئەمەلىي ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.
ۋاڭ يىلىن يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدا: بۈگۈن يوپۇقى ئېچىلغان قاراماي نېفىت – خىمىيە شىركىتى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، كارخانا بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى يېڭى ئابىدە. ئۇ جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ نېفىت – خىمىيە كەسپى بويىچە شېرىكلىشىپ ھەمكارلىشىش تۈرىدە مۇھىم قەدەم باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر: قاراماي شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قاراماي نېفىت – خىمىيە شىركىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ روناق تېپىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ئاكتىپ ماسلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن رول ئويناپ، جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى بىلەن شېرىكلىشىپ ھەمكارلىشىش ۋە شىنجاڭدا ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىپ، جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش جەھەتتىكى يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك، دېدى.
جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىش مۇراسىمىدىن كېيىن قاراماي نېفىت – خىمىيە شىركىتىنىڭ 2 – نومۇرلۇق كونترولخانىسىغا كېلىپ، شېرىكلەشكەن كارخانىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شېرىكلىشىپ ھەمكارلىشىش تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت ئىستىلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نېفىت – تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش مىقدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشۇرۇپ، يېڭىدىن ئېچىلغان نېفىتلىك، تەبىئىي گاز تۈرلىرىدە شېرىكلىشىپ ھەمكارلىشىش ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلارنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نېفىت، تەبىئىي گاز مەنبەسىنى يەرلىككە قالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بېسىمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاڭ چۈنشيەن بۇ قېتىمقى سەپىرىدە يەنە قاراماي شەھەرلىك قۇرۇلۇش تەربىيە بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى .
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن خۇاڭ ۋېي، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى، قوشۇمچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش باش نازارەتچىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى شېن ديەنچېڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.



خەتكۈچلەر:
22-07-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادەتتە كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان توك تارقىتىش ئۇسۇلى بولسا ئوت كۈچى، قۇياش ئېنىرگىيىسى، شامال كۈچى، سۇ كۈچى شۇنداقلا يادرو ئېنىرگىيسى ئارقىلىق توك تارقىتىش قاتارلىقلارد...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان سىنگاپور دېڭىز قىرغىقىدا قىستىلىشىپ تۇرغان دەرىجىدىن تاشقىرى ماي پاراخوتلىرىنىڭ سۈرەتلىرى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ن...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تەمىنلەشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە يەر شارى نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى نېفىت بازىرىنىڭ د...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     دۆلەت ئىچىدىكى تەييار يېقىلغۇ باھاسى يەنە بىر قېتىم ئۆسۈپ، بۇ يىلقى «ئۇدا ئۈچ قېتىملىق ئۆسۈش» نى كۈتۈۋالدى، ھەمدە بۇ قېتىمقى ئۆسۈش يىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى ي...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى، فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە، ماي باكى ئاپتوموبىلى ماي قاچىلاش پونكىتىغا ماي يەتكۈزمەكتە. فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئالان ۋىتالى 25-ماي ئاخبارات ۋاستىلىرىغا دەلىل...
24-05-2016
    «قارا ئاققۇ» نىڭ داۋاملىق پەيدا بولۇشى خەلقئارا ماي باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تۇنجى قېتىم «ئۇدا ئۈچ     قېتىم چۈشۈش» تەك ئەھۋال كۆرۈلدى. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرى...
24-05-2016
    جۇڭگو كۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شيەنجېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2015-يىلىدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە ئىستېمالى ئايرى...
24-05-2016
    دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا دەسلەپكى بازىرىدا، نېفىت باھاسى داۋاملىق ئاسىيا بازىرىدىكى چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇردى، سەۋەبى دوللارنىڭ كۈچىيىشى، ھەمدە بەزى ئالامەتلەردىن قارىغاندا، گەرچە ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قېلىپ ئىشلەپچىقىرىش مىق...
24-05-2016
يەر شارى تورى 24- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئەنگىلىيە مۇستەقىللىق گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ قوياش ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا نەچچە كۈن...
24-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلار ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئىچى تەييار ماي پارچە سېتىش باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېچىلىدىكەن، مۆلچەردە بۇ قېتىملىق باھ...
Powered by Leglek