مۇشۇ يىللاردا يولدا ماشىنىغا قەستەن ئۈسۈپ ئۇششۇقلۇق قىلىپ جان باقىدىغانلار كۈنسېرى غالجىرلاشتى، يولدا سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز بالاغا قالىسىز. قاقتى-سوقتى قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن ماشىنىغا يول يۈرۈشنى خاتىرلاش ئۈسكۈنىسى ئورناتسىڭىز چوقۇم كارغا كېلىدۇ. ماشىنىدا يول يۈرۈشنى خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
1. يەرگە يىقىلغان «يارىدار»غا چېقىلماڭ
قاقتى-سوقتى قىلغۇچىلار ماشىنا ئىگىسىنىڭ ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىدۇ، شۇڭا قاقتى-سوقتى قىلغۇچىلارغا ئۇچرىغاندا ئاسانلىقچە ئۇلار بىلەن مۇرەسسە قىلماڭ. يەردە يېتىلۋالغان «يارىدار»نى ھەرگىز يۆلىمەڭ، چۈنكى يۆلەپلا قالسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ توغرا بولسىمۇ چۈشەندۈرەلمەيسىز. «يارىدار»دىن ئۆزىڭىز بىلەن بىللە مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ يارىسىنى تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلىڭ ھەمدە سىن كۆرۈنۈشىنى چىقىرىپ، قاقتى-سوقتى قىلغۇچىغا پايدىلانغۇدەك پۇرسەت بەرمەڭ.
2. قائىدىگە خىلاپ ماشىنا ھەيدىمەڭ
ماشىنىنى تەتۈر يۆنىلىشتە ھەيدەش، يول سىزىقىنى دەسسەش قاتارلىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ۋاقىتتا قاقتى-سوقتى قىلغۇچىغا ئۇچراپ قالسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى ئاقلىيالماي قالىسىز. ئۆزىڭىز قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، قاتناش ساقچىسى كەلسە نومۇرىڭىز تارتىلىپ شىتراپ قويۇلىدۇ، ئەگەر قاقتى-سوقتى قىلغۇچى تەلەپ قىلغان پۇل سوممىسى ئاز بولسا، نۇرغۇن ماشىنا ئىگىلىرى شۇ پۇلنى تۆلەپلا قۇتۇلىدۇ.
3. ساقچىغا مەلۇم قىلىش
كىچىك ۋەقە بولسا ئاۋال نەق مەيداندىن ئايرىلىپ، ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتۈش كېرەك. قاتناش ساقچىلىرى كەلگەندىن كېيىن ۋەقە بولغان ئورۇن، ۋەقە سادىر قىلغان ماشىنا، ئالاقىدار ئادەمنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە شوپۇرلۇق كېنىشكىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەپ ئارخىپلاشتۇرىدۇ، ئەگەر دائىم مۇشۇ ئەتراپتا ۋەقە سادىر قىلىدىغان «تونۇش چىراي» قاقتى-سوقتى قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بايقىسا، تەبئىي ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ماشىنىغا قەستەن ئۈسۈپ قاقتى-سوقتى قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ماشىنا ئىگىسى ساقچىغا مەلۇم قىلغاندا قاقتى-سوقتى قىلغۇچى دەرھال قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋېتىدۇ.
4. سۇغۇرتا شىركىتىگە مەلۇم قىلىش
نۆۋەتتە شەخسىي ماشىنىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك 3-شەخس جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان، ۋەقە يۈر بەرگەندىن كېيىن دەرھال سۇغۇرتا شىركىتىگە مەلۇم قىلىش كېرەك. «يارىدار»نىڭ داۋالىنىش خىراجىتى ھەمدە ماشىنىنىڭ زىيىنىنى سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەيدۇ.
5. ئىسپاتنى ساقلاپ قويۇش
دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ماشىنا ئىگىسى چوقۇم ئىسپاتلارنى ساقلاپ قويۇشى كېرەك، مەسىلەن: ۋەقە بولغان نەق مەيدان ئەھۋالىنى يانفوندا سۈرەتكە ئېلىۋېلىش ھەمدە ئۆز ۋاقتىدا گۇۋاھچىلارنى تېپىپ ئۆزىگە ئىسپات قىلدۇرۇش قاتارلىقلار.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved