شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، خەلق تاللاش مۇكاپاتى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئامېرىكا لوس ئانجىلىستا ئۆتكۈزۈلدى، «سۈرئەت 7» ئەڭ قارشى ئېلىنغان فىلىم، ئەڭ قارشى ئېلىنغان ھەرىكەتلىك فىلىم ئىككى تۈرلۈك چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇندىن ئىلگىرى ئىسمىنى ئاتاش تىزىملىكىدە يەتتە تۈردە ئىسمى ئاتالغان «قىساسكارلار ئىتتىپاقى2» نى مەغلۇپ قىلدى.
چاننىڭ تاتۇم ۋە ساندرا بىلوك ئايرىم-ئايرىم ئەڭ قارشى ئېلىنغان ئەر ئارتىس، ئەڭ قارشى ئېلىنغان ئايال ئارتىس بولۇپ باھالاندى، چاننىڭ تاتۇمنىڭ كرىس پرات، روبېرت دوۋنىنى شاللىۋېتىشى كىشلەرگە تاسادىپىي تۇيۇلدى.
بۇندىن سىرت، كرىس ھەمىسوۋرىز ۋە «ئىختىلاپچى» نىڭ باش رولچىسى شەيلىن ۋۇدلېي ئەڭ قارشى ئېلىنغان ھەرىكەتلىك فىلىم ئەر ئارتىسى، ئەڭ قارشى ئېلىنغان ھەرىكەتلىك فىلىم ئايال ئارتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، جاستىن بېيبېرنىڭ سابىق قىز دوستى سېلىنا گومىز ئەڭ قارشى ئېلىنغان ھەرىكەتلىك فىلىمغا ئاۋاز بەرگۈچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
«مارسلىقلار» مۇ كىنو مەستانىلىرى ئەڭ قارشى ئېلىنغان فىلىمغا ئايلاندى، بۇ فىلىم ئەڭ قارشى ئېلىنغان ۋەقەلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
خەلق تاللاش مۇكاپاتى تۇنجى قېتىم 1975-يىلى تارقىتىلغان، كىنو، تېلۋىزىيە تىياتىرى ھەۋەسكارلىرى بېلەت تاشلاپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى تاللايدۇ، مۇكاپات تارقىتىش پەسىلىدىكى كىنو باھالىغۇچىلار جەمىيىتى مۇكاپاتى، ئىشچىلار جەمىيىتى مۇكاپاتى بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved