شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە 14-15 مۇسابىقە پەسلى جۇڭگۇ ئەرلەر كەسپىي ۋاسكىتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقسى بېيجىڭ ۋۇكېسوڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن لىياۋنىڭ كوماندىسى ئالدىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئومۇمىي نومۇردا 1-1 تەڭلەشكەن ئىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە لىياۋنىڭ كوماندىسىدىن خادىسىن پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 2.9 سىكۇنت قالغاندا قىرغىن توپ كىرگۈزۈپ مېھمان مەيداندا جەڭ قىلىۋاتقان لىياۋنىڭ كوماندىسى 109-108 نومۇر بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئومۇمىي نومۇردا 2-1 بۇلۇپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.
تۆت كونتۇر مۇسابىقىنىڭ تەپسىلىي نومۇر ئېلىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە : 29-23. 20-27. 28-30 ۋە 31-39 ( بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ ئالدىدا .) بېيجىڭ كوماندىسىدىن ماربول پۈتۈن كوماندا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان 42 نومۇر ئالدى. 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. مورىس 22 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. لى گېن 15 نومۇر، سۈن يۆ 11 نومۇر ئالدى.
لىياۋنىڭ كوماندىسىدىن خادىسىن پۈتۈن كوماندا بويىچە ئەڭ يۇقىرى 31 نومۇر ئالدى. 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى. 12 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. تامپۇسىن 17 نومۇر ئالدى. خەن دېجۈن 17 نومۇر، خې تىيەنجۈ 16 نومۇر ، گو ئەيلۈن 14 نومۇر ئالدى.
پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقىلى يەنە 30.2 سىكۇنت ۋاقىت قالغاندا لىياۋنىڭ كوماندىسىدىن گو ئەيلۈننىڭ ئاتقان ئىككى جازا توپىنىڭ بىرسى چۈشمىدى. لىياۋنىڭ كوماندىسى 2 نومۇر ئۈستۈنلۈكتە ئىدى. بېيجىڭ كوماندىسىدىن ماربول ئىككى نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى ۋە خادىسىننىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشىنى كەلتۈرۈپ جازا توپ ئېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ھەمدە جازا توپنى كىرگۈزدى. بېيجىڭ كوماندىسى 108-107 نومۇر بىلەن ئېشىپ كەتتى. ھالقىلىق پەيتتە خادىسىن بۆسۈپ كىرىپ ئىككى نومۇر ئالدى. ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھۇجۇم بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ ئىدى. بىراق لى گېن توپ ئېلىپ ماڭغاندا خاتالىق سادىر قىلىپ توپ مەيداننىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى. ئاخىرىدا لىياۋنىڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا بىر نومۇر پەرق بىلەن ساھىبخان كوماندا بېيجىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئومۇمىي نومۇردا 2-1 ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى.
بېيجىڭ كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار : 3-سىتىۋىن ماربول. 9-سۈن يۆ. 13-جۇ يەنشى. 20-سۈي شىياۋچۈەن. 35-جاڭ سوڭتاۋ.
لىياۋنىڭ كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: 6-خې تىيەنجۈ. 13-گو ئەيلۈن. 14-لايسىت خادىسىن. 22-لى شىياۋشۈ. 51-خەن دېجۈن.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved