‹‹سەن كىلەمسەن ياكى كەلمەمسەن مەن يەنىلا مۇشۇ يەردە ››.دىپلوماتىيە مىنىستىرلكىنىڭ سۆز قىلغۇچىسى چىنگاڭ تۈنۈگۈن ئامىرىكا پىرىزدېنتى ئوبامانىڭ ئاسىياغا زىيارەتكە كىلىپ جۇڭگوغا كەلمىگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ يۇقرىقىدەك ئىنكاس بىلدۈگەن.
بىر مۇخبىر : ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا تنچ ئوكيان سەپىرى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ،جۇڭگو تەرەپنىڭ قارشىچە بۇ قېتىمقى زىيارەت ئامىركىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىستىراتىگيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرشىگە پايدىلىق بۇلامدۇ ياكى زىينى بارمۇ؟جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى ئوبامانىڭ تۆت دۆلەتكە قىلغان زىيارىتىگە قانداق قارايدۇ؟دەپ سورىغان.
چىنگاڭ جاۋاب بىرىپ:‹‹يېقىندا دىققەت قىلشىمىزچە ، بەزى ئاخبارات ۋاستىللىرى ئوباما پىرىزدېنىتنىڭ بۇ قېتىمقى تۆت دۆلەتكە زىيارەتكە كىلىپ جۇڭگوغا كەلمەسلىكى بەلكىم مەقسەتلىك بولغان بۇلشى مۇمكىن دەپ خەۋەر قىلغان .بۇ ئىشنىڭ راستىنلا جۇڭگوغا قارىتلغان مەقسەتلىك ئىشمۇ ئەمەسمۇ ،بىز يەنىلا ئامىرىكا تەرەپنىڭ قانداق دەيدىغانلقىنى ئاڭلاپ بېقشىمىز قانداق قىلدىغانلقنى كۆرۈپ بېقشىمىز كىرەك.كەلگۈسىدە يەنە جۇڭگوغا كىلەمدۇ يوق بۇ مەسىلىگە قارىتا بىزنىڭ دەيدىغىنمىز :سەن كىلەمسەن ياكى كەلمەمسەن بىز يەنىلا مۇشۇ يەردە.››
يەنە بەزى مۇخبىرلار :جۇڭگو تەرەپ ئامىرىكا بىلەن فىلىپپىن ئىمزا قويغان ‹‹مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۈچەيتىش كىلشمنامىسى››گە قارىتا قانداق باھا بىرىدۇ؟بۇ كىلشىمنامىنى ئىمزالاشنىڭ مەقسىتى جۇڭگونى چەكلەش ئۈچۈن دەپ چۈشنەمدۇ ؟ دەپ سورىغان.
چىنگاڭ بىلدۈرۈپ:‹‹ بىز مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق،رايون تىنىچىلىقىغا ئاكتىپ رول ئوينايدىغان ئىشلارنى قىلشىنى ئۈمىد قىلمىز.يۇقىرقى كىلشىمنامىنىڭ جۇڭگونى چەكلەش ئۈچۈنمۇ يوق بۇنىڭغا قارىتا بىز ئامىرىكا تەرەپنىڭ قانداق دەيدىغانلىقى ،قانداق قىلدىغانلقنى بىلىپ بېقشىمىز كىرەك.پىرىزدېنىت ئوباما ۋە ئامىرىكا تەرەپنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئامرىكىنىڭ جۇڭگونى چەكلەش مەقسىتى يوقلىقنى دەپ ئۆتكەن.جۇڭگو -ئامىرىكا ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىپ ،ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ رايوننىڭ تىنچ ھەم بىخەتەرلىكنى ئاشۇرۇشى كىرەك››دىگەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگىلىيە ۋىتنىي، شۇ كۈنى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشكە قارشى تۇرۇش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved