جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچىدىن يوللىغان تېلىگىراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى، مۇخبىرنىڭ 25-چېسلا شىنجاڭ تۇرپان ۋىلايىتى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسدىن ئىگەللىشچە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى جامائەت خەۋىپسىزلىك تارماقلىرى ئىلگىرى- كىيىن بۇلۇپ زەھەرگە چېتىشلىق دېلودىن 8 نى بىر تەرەپ قىلغان بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ، ئالاھىدە دېلو 3، قولغا چۈشۈرگەن خىروئىن 960.12گىرام، مۇزسىمان زەھەر 23.5 گىرام، كەندىر 1410 گىرام ،زەھەر مەبلىغى 1 مىليۇن يۈئەن بولغان. دېلوغا مۇناسىۋەتلىك گۇمانداردىن 16 ئادەم قولغا ئېلنىپ يەنە دېلوغا چېتىشلىق بولغان بىر دانە ماشىنا ،بىر تۈركۈم ئالتۇن بۇيۇملار ۋە قاشتېشى مۇسادىرە قىلىنغان بۇلۇپ مەزكۇر رايوندىكى جەمئىيەت ئامانلىقنى مۇقىم ساقلاشقا چوڭ تۆھپە قوشقان.
ئىگەللىنشىچە ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، تۇرپان ۋىلايىتنىڭ ھەر قايسى دەرىجىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك تارماقلىرى ئەستايدىللىق بىلەن شىنجاڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتى يىغنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ كەلگەن ، بۇندىن باشقا يەنە تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتىكوم ‹‹سېرىق، قىمار ،زەھەرگە زەربە بىرىپ ئەيدىز كىسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ›› مەخسۇس ھەركىتنى قانات يايدۇرغان. ھەر قايسى دەرىجىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرنىڭ زەھەر چەكلەش تارماقلىرى ‹‹چوڭ دېلونى پاش قىلىش، شايكىلارغا زەربە بىرىش، تورنى بۇزۇپ تاشلاش، ھەركەت يولنى ئۈزۋىتىش›› خىزمەت پىكىر يولغا ئاساسلىنىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەملىلىشنى قاتتىق تۇتقان، ئەستايىدىللىق بىلەن زەھەرگە مۇناسىۋەتلىك جىنايى ھەركەتلەرنى ئانالىز قىلغان، دېلونى رازۋېدكا قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان بۇلۇپ، كۆرىنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن.
بۇلۇپمۇ بۇ يىل 4-ئايدا تۇرپان ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارمىقى ۋە رازۋېدكا تېخنىكسى تارمىقى ، تۇرپان شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ خوۋ فامىللىك باش بولغان بىر زەھەر سېتىش شايكىسنى يۇقاتقان .مەزكۇر دېلودا قولغا چۈشكەن خىروئىن 613.12 گىرام، مۇزسىمان زەھەر 13.69 گىرام، زەھەر مەبلىغى 1 مىليون يۈئەن بولغان ، جىنايەت گۇماندارىدىن 13 كىشى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved