شىنجاڭ گېئو قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش – قېزىش ئىدارىسى 20 يىللىق چارلاش، باھالاش ئارقىلىق ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە ئالاھىدە چوڭ ئالتۇن كاننى بايقىدى. بۇ يىل 6 – ئايغىچە ئېنىقلانغان ئالتۇن زاپىسى 127.09 توننا بولۇپ، يوشۇرۇن ئىقتىسادىي قىممىتى 40 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر بايقالغان زاپىسى ئەڭ چوڭ ئالتۇن كان بولۇپ قالىدۇ.
شىنجاڭ گېئو قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش – قېزىش ئىدارىسى گېئولوگىيە 2 – چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈي خۇڭبىن مۇنداق دېدى: 1993 – يىلى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جۇڭگو – قىرغىزىستان چېگراسىدىكى ساۋياردۈندا بۇ ئالتۇن كان بايقالغانىدى. 20 يىللىق سىجىل چارلاش ئارقىلىق، دېڭىز يۈزىدىن 3100 مېتىردىن 4300 مېتىرغىچە بولغان تەخمىنەن 20 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان چارلاش دائىرىسىدە 21 ئالتۇن كان بەلبېغى بايقالدى. رۇدىنىڭ ئوتتۇرىچە سۈپىتى 2.45 گىرام\توننا. ئېنىقلانغان ئالتۇن زاپىسى 127.09 توننا. كەلگۈسىدىكى زاپىسى 200 توننىدىن ئېشىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 4 – نومۇرلۇق كان بەلبېغىنىڭ كەڭلىكى 85 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 4000 مېتىرغا يېتىدۇ. رۇدىنىڭ ئوتتۇرىچە سۈپىتى 2.57 گىرام\توننا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 63.88 گىرام\توننىغا، مۆلچەرلەنگەن ئالتۇن زاپىسى 98.33 توننىغا يېتىدۇ.
ھازىر «شىنجاڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسى ساۋياردۈن ئالتۇن كانىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش دوكلاتى» باھالاشتىن ئۆتتى. بۇ يىل چارلاپ يوللانغان ئالتۇن زاپىسى 100 توننىغا يەتكەندىن كېيىن، شەندۇڭ «جاۋجىن» گۇرۇھى، جۇڭگو ئالتۇن گۇرۇھ شىركىتى، «زىجىن» كانچىلىق گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئالتۇن ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانىلار ھەمكارلىشىپ ئېچىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يەرلىكنىڭ باج ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا غايەت زور تۈرتكە بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved