تىمتاس، گۈزەل كېچىدە يىراقتىن بىر موتوسىكلت ئۇچقاندەك كېلىۋاتاتتى، بۇ موتوسىكىلىتتا بىر ئوغۇل، بىر قىز بار ئىدى.
«ئاستاراق ھەيدەڭ، مەن قورقىۋاتىمەن!» دېدى قىز. بىراق يىگىت موتوسىكلىتنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، سۈرئەتنى بارغانسېرى تېزلىتىۋەتتى.
-ئەمدى يەنە سۈرئەتنى ئاستىلاتمايدىغان بولسىڭىز، سىزگە گەپ قىلمايمەن! دەل مۇشۇ چاغدىلا يىگىت:«ئۇنداقتا سىز مېنى سۆيەمسىز؟» دەپ سورىدى.
-ئەلۋەتتە سىزنى سۆيىمەن.
قىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يىگىتنىڭ كۆزلىرىگە خۇشاللىقتىن ياش كەلدى ھەم شۇئان بىخەتەرلىك قالپىقىنى قىزغا كىيدۈرۈپ قويۇپ:«بۇنى سىز كىيىۋېلىڭ، بولمىسا مەن موتوسىكلىتنىڭ سۈرئىتىنى قەتئىي ئاستىلاتمايمەن!» دېدى.
قىزمۇ يىگىتنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى.
2-كۈنى خەۋەرگە مۇنداق بىر خەۋەر بېسىلىپتۇ: تۈنۈگۈن كەچتە ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن ھەيدەلگەن بىر موتوسىكلىت بىلەن بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىپ، يىگىتنىڭ بېشى يارىلىنىپ نەق مەيداندا ئۆلگەن، قىز يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان!
كېيىن بىر مۇخبىر بۇ قىزنى زىيارەت قىپتۇ. قىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا:«ئۇ مېنى دەپ ھاياتىدىن ئايرىلغان!» دەپتۇ.
ئەسلىدە ئۇ يىگىت شۇ چاغدا موتوسىكلىتنىڭ تومۇزىنىڭ كاردىن چىققانلىقىنى بىلىپ بولغانىكەن، يىگىت گەرچە بارچە ئامال بىلەن سۈرئەتنى ئاستىلاتماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە سۈرئەت بارغانسېرى تېزلەپ كەتكەن ئىدى. يىگىت قىزنى ئەنسىرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ۋە قىزنىڭ يارىلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قالپاقنى قىزغا كىيدۈرۈپ قويغانىكەن. ئاخىر ئەنە شۇنداق قالپاق بۇ قىزنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانىكەن. بىراق يىگىت...
يىگىت بۇ دۇنيادىن كۈلۈپ تۇرۇپ ئايرىلىپتۇ! قىزنىڭ ئەنە شۇن بىر جۈملە «ئەلۋەتتە سىزنى سۆيىمەن» دېگەن سۆزى بۇ يىگىتنى بۇ دۇنيا بىلەن ھېچقانداق ئارمانسىز خوشلاشتۇرۇپتۇ. ئەپسۇس يىگىت قىزنىڭ بىر ئېغىز «سىزنى سۆيىمەن» دېگەن سۆزىگە «مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن» دەپ جاۋاب بېرەلمەيلا كېتىپ قاپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved