ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش
ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرىمىزنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاخبارات ئىشخانىسى 14-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئاچقان «13-نۆۋەتلىك قازاقىستان-جۇڭگو تاۋار كۆرگەزمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى»دىن ئىگىلىشىچە، 13-نۆۋەتلىك قازاقىستان-جۇڭگو تاۋار كۆرگەزمىىسى 2015-يىلى 21-مايدىن 24-مايغىچە قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىدىكى ئاداكىنت كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى 8000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، زال ئىچى كۆرگەزمە رايونى 6000 كىۋادرات مېتىر، زال سىرتى كۆرگەزمە رايونى 2000 كىۋادرات مېتىر ئىكەن. كۆرگەزمىگە بىڭتۇەننىڭ 14 دىۋېزىيەسى ۋە بىڭتۇەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن 65 كارخانا 64 زال ئىچى كۆرگەزمە ئورنى بىلەن زال سىرتىدىكى 300 كىۋادرات مېتىر كۆرگەزمە ئورنىنى ئىگىلەپ، ماشىنا ۋە ئاپتوموبىل، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى، ئائىلە جابدۇقلىرى، كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى، شۇنداقلا ئېلېكتىرون تۈرىدىكى تاۋارلارنى كۆرگەزمە قىلىدىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن باشقا، سىچۇەن، گەنسۇ، جېجياڭ قاتارلىق 10 نەچچە ئۆلكە، رايوندىن كەلگەن 300 نەچچە كارخانىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.
بىڭتۇەن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى 2004-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جەمئىي 11 نۆۋەت قازاقىستان-جۇڭگو كۆرگەزمىسى تەشكىللەپ، 800 كارخانا (قېتىم)، 2200 ئادەم (قېتىم)نى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆرگەزمىدە ياراتقان سودا پۈتۈشۈش سوممىسى جەمئىي 719 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
بىڭتۇەن سودا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بىڭتۇەن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن يوڭ ئەھۋال تونۇشتۇرماقتا
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved