دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت قەلئە 300 مىليون دوللارغا سېتىلدى

       ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 18-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىنىڭ شەھەر سىرتىغا جايلاشقان 17-ئەسىر ئۇسلۇبىدا سېلىنغان لۇيىس 14- قەلئەسى (Louis XIV castle) يېقىندا ئوتتۇرا شەرقلىق بىر كىشى تەرىپىدىن 301 مىليون دوللارلىق باھا بىلەن سېتىۋېلىندى ۋە شۇنداقلا بۇنىڭلىق بىلەن پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت تۇرالغۇ بولۇپ قالدى.

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لۇيىس 14- قەلئەسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 23 گىكتار بولۇپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، 2011-يىلى پۈتتۈرۈلگەن، بىراق تاكى بۈگۈنگە قەدەر بۇ تۇرالغۇنى سېتىۋالىدىغانغا ئادەم چىقماي كەلگەن.

بىلۇنبۇرگ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوتتۇرا شەرقلىق بىر كىشى كىرىستېيىس كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش مەركىزى (Christie's auction house) نىڭ قارمىقىدىكى بىر ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ ياردىمىدە 301 مىليون دوللارلىق (تەخمىنەن بىر مىليارد 950 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) باھا بىلەن بۇ قەلئەنى سېتىۋالغان. بۇ قېتىملىق سودا 2011-يىلى لوندوندىكى بىر تۇرالغۇنى 221 مىليون دوللارلىق باھا بىلەن سېتىۋېلىش رىكوردىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر قەلئە 17-ئەسىر فىرانسىيە ئوردىسى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بولۇپ، ئىچىدە 10 يۈرۈش ئۆي، لۇيىس 14- پادىشاھنىڭ خان ئوردىسىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان گۈللۈك، ئۆي ئىچى-سىرتى سۇ ئۈزۈش كۆلى، تام توپى (راكېت توپ) مەيدانى، كۇتۇپخانا، كىنوخانا، ئىككى مۇراسىم زالى، كېچىلىك بەزمىخانا تىپىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى ۋە 300 بوتۇلكا ئامېرىكا ھارىقى ساقلانغان ھاراق ساقلاش ئىسكىلاتى بار. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، قەلئە ئىچىدە يەنە سۇ ئاستىغا جايلاشتۇرۇلغان خىيال قىلىش ئۆيىدىن بىرى بار، بېلىقلار ئەينەكتىن ياسالغان تاملارنىڭ ئەتراپىدا ئۈزۈشۈپ يۈرىدۇ.

قەلئەنىڭ ئىچكى بېزىلىشىمۇ رەسمى پادىشاھلارنىڭكىدەك ھەشەمەتلىك بولۇپ، مىكىلانجىلونىڭ يۇمىلاق شەكىللىك تورۇسى، ۋېرسايللېس ئوردىسى (Palace of Versailles) گە تەقلىد قىلىنغان ئاپوللو فونتانى (Apollo fountain) قاتارلىقلار بار، ھەتتا ھەر خىل ھەيكەللەرمۇ ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن، قەلئە ئىچىگە كىشى ھەيرانۇ-ھەس بولماي قالمايدۇ.

ئۇندىن باشقا مەزكۇر قەلئەگە يەنە ناھايىتى ئىلغار پەن-تېخنىكىلىق سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۆي ئىگىسى تاختا كومپىيوتىر ئارقىلىق ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقنىڭ ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتەلەيدۇ.

مەزكۇر قەلئە ۋېرسايللېس بىلەن مارلىي (Versailles and Marly) ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا لۇيىس 14- پادىشاھنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولغان شىۋېتسارىيەلىك قوغدىغۇچىلار دەل مۇشۇ جايدا تۇراتتى.

2014-يىلى كىم كارداشىيان (Kim Kardashian)، داڭلىق ناخشىچى كاينې ۋېسىت (Kanye West) ئىككىسى بۇ جايدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان، بىراق كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىتالىيە فىلورېنسې (Florence) دىكى گۈزەل قەلئەدە توي قىلغان.



خەتكۈچلەر:
19-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
04-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاۋىستىرالىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئارگىل (Argyle) ئالماس كان رايونىدىن ئېغىرلىقى 9.17 كارات كېلىدىغان ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بىنەپشە رەڭلىك ئالماس بايقالغان بولۇپ، بۇ ئالماسنى پا...
04-05-2016
    دۇنيادىكى داڭلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ماشىنىسى ياساش كارخانىسى شىۋېيتسارىيە ‹‹رېيتېر›› گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹رېيتېر›› توقۇمىچىلىق ئەسۋاب – ئۈسكىنىلىرى چەكلىك شىركىتى 28 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات را...
04-05-2016
    نەچچە كۈندىن بۇيان ئالتۇن، كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ھەتتا 1298 دوللارغا چىقىپ، ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ يانچۇقىنى خېلىلا چىڭداپ قويغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن نەق ئالتۇننى...
04-05-2016
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتى ئاسىيا رايونىدا، ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيە باشچىلىق...
04-05-2016
    دېھقان ئىشلەمچىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان ئولتۇراق ئۆي لايىھەسى پىلانىغا قارا سايە تاشلىدى. دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 28- ئاپرېل ئېلان قىلغان «2015- يىللىق...
03-05-2016
    رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە رۇسىيەنىڭ نېلسون ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 63 نۇقتىغا چۈشكەن، مەزكۇر كۆرسەتكۈچ 2005-يىلى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى ئە...
03-05-2016
    يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىقتىساد تاراتقۇسى فوربېس ئاسىيا رايونىدىكى 30 نەپەر 30 ياشتىن تۆۋەنلەر «Forbes 30 Under 30 Asia» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ فوربېسنىڭ ئاسىيانى باھالاش دائىرىسى قىلغان تۇنجى نۇسخا ت...
03-05-2016
    «ياۋروپا ماشىنا خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېن گۇروھى دېزىل ماتورىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقتىن، 2015-يىلى 5.515 مىليارد ياۋرو زىيان تارتتى، شۇ سەۋەبتىن ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشىنى كېچىكتۈرۈپ ب...
02-05-2016
    ھىندىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى راجان يېقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە باشلىقلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا: ‹‹ھىندىستان ئىقتىسادى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ...
02-05-2016
     سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چوڭ كۆلەمدە ئۇل ئەسلىھە سالىدىغان پۇلى بولمىغاچقا، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى كاتتا شىركەت – بىن لادىن گۇروھى 50 مىڭ ئادەم قىسقارتتى. «خۇيتۇڭ » تورى 2–ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: نېفىت با...
Powered by Leglek