چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ماشىنا ئادەملەرنىڭ كەلگۈسىدە بارغانسېرى ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقى، ھەتتا ھەرخىل خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى ئادەملەرنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلار ھەرگىزمۇ ماشىنا ئادەملەر تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى، دۇنيادا ئىنسانلار قىلالمايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار، بۇنداق ئىشلارنى ماشىنا ئادەملەر تېخىمۇ قىلالمايدۇ. تۆۋەندىكىسى ماشىنا ئادەملەر مەڭگۈ ئورنىنى ئالالمايدىغان يەتتە خىل ئىنسانلار ئىكەن:
1-تور-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى تۈزگۈچى دىرېكتورى
ئىگىلىنىشىچە، ماشىنا ئادەملەر بۇ دەرىجىدىكى «ئوسال» خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن ھەرگىز چىقالمايدىكەن، مەسىلەن، Seth MacFarlane نىڭ فوكس كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتىدە پەيدا قىلغان ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ھەمجىنسلىق مۇناسىۋەتتىن قورقۇش قاتارلىق «ئوسال» ئىشلار پەقەت ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ .
2- باھا بەرگۈچى
ئەمەلىيەتتە، لوگىكىلىق تەپەككۇرىغا تايىنىپ بېجىرىشكە توغرا كېلىدىغان كۆپىنچە ئىشلار، جۈملىدىن باھا سۆزى يازغۇچى (باھالىغۇچى) بولۇش ماشىنا ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ماشىنا ئادەملەر قۇسالمايدۇ، ئىچكى قىسمىدا كاشىلا كۆرۈلسە، ئۇ باشقا گەپ.
3- تاماقخانىلاردىكى پۇل يىغقۇچى
ماشىنا ئادەملەر بۇ خىل خىزمەتنى قىلغاندا، بارلىق جەرياننى ئۈزۈل-كېسىل توغرا ئۇسۇلدا سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ، ئەمما، ئىنسانلار بۇنداق قىلىپ يۈرمەيدۇ.
4- باشقىلارنىڭ يۇمۇرىنى بۆلگۈچىلەر
سىز ئەمدى بىر يۇمۇر ئېيتاي دەپ تۇرسىڭىز، بۇ خىل ئىنسانلار مۇنداق دەيدۇ: «توختاڭ، توختاڭ، سىز ئېيتماقچى بولغان يۇمۇر ھېلىقى .... شۇمۇ ئەمەس؟ بۇنى مەن ئاڭلاپ بولغان. »
5- نىيۇيوركتىكى تاكسى شوپۇرلىرى
ماشىنا ئادەملەر بىلەن ماشىنا ئوخشاش تۈردىكى نەرسە بولسىمۇ، بىراق، ماشىنا ئادەملەر مەڭگۈ نىيۇيوركتا تاكسى شوپۇرى بولالمايدۇ. نېمىشقا دەمسىز؟ چۈنكى، بۇلار بىر تەرەپتىن «قىرغىز» تىلىدا سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن سىزگە ۋاقىرىيالايدۇ، شۇنداقلا، يېرىم كېچە سائەت ئۈچتە قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، خاتا يوللاردا ماڭالايدۇ.
6- قورقۇنچاق ئادەملەر
ماشىنا ئادەملەر مەنىسىز سۆزلەرنى قۇراشتۇرۇپ، جۈملە تۈزەلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قورقۇنچىسىنى يوشۇرالمايدۇ.
7- مۇخبىرلار
ماشىنا ئادەم ھەرگىزمۇ مۇنداق تېمىدا خەۋەر يازمايدۇ: «كەسلەنچۈك ئالەم بوشلۇقىدا لەيلەپ تۇرغان سۈنئىي ھەمراھ ئىچىدىمۇ كۆپىيىش ئېلىپ بارالايدۇ، بىراق، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھغا بولغان كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويدى.» ...بۇنداق خەۋەرنى پەقەت ئىنسانلارلا يازالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved