ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا قاتناشقان ھەر بىر ئادەمگە بىردىن iphone6s سوۋغا قىلىندى

       تۈنۈگۈن مەلۇم تورداش مىكروبىلوگ تورىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن:< قاراڭلار، بىزنىڭ بېيلۇن چۇنشىياۋدىمۇ < پۇلدار> دىن بىرسى چىقتى ھەم ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا ھەر بىر ئادەمگە بىردىن iPhone6S تارقىتىپ بەردى>. ئۇچۇرغا يەنە رەسىممۇ كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ تورداش يەنە مۇنداق دېگەن:< بۇ رەسىملەرنى دوستۇمنىڭ ئاچىسى تارتقان، ئۇمۇ بۇ قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا قاتناشقان، بۇ ئىش ھەقىقەتەن راست، ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا قاتناشقان 39 ئادەمنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن iPhone6S تارقىتىپ بېرىلدى>.

        بۇ قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى نىڭبودىكى مەلۇم مېھمانسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىلىشقا قاتناشقان 39 ئادەمنىڭ ھەممىسى كەچلىك تاماق ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ بۇ مېھمانسارايغا يېتىپ كەلگەن. تاماق يېيىلىپ يېرىمىغا كەلگەندە، يىغىلىشقا قاتناشقان بىر قانچە ساۋاقداش بىر نەچچە كىچىك كورۇپكىلارنى يۆتكەپ كېلىپ تاماق ئۈستىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا  تىزىشقا باشلىغان. كۆپچىلىك كورۇپكىلارنى ئاچقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىدە iPhone6S بارلىقىنى كۆرگەن. شۇ قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ساۋاقداش:< يىغىلىشقا قاتناشقان ھەر بىر ساۋاقداشقا بىر تالدىن iPhone6S خاتىرە بۇيۇمى سۈپىتىدە  سوۋغا قىلىندى> دەپ ئېلان قىلغان.

       يىغىلىشقا قاتناشقانلار كورۇپكىنى ئاچقاندىن كېيىن ئىچىدە ئەتىرگۈل ئالتۇن رەڭلىك iPhone6S بارلىقىنى كۆرگەن. ھەر بىر تال iPhone6S نىڭ ئاسراش قېپىغا:< بېيلۇن سەنشەن مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى 98-يىللىق ساۋاقداشلار يىغىلىشى خاتىرىسى> دېگەن خەت يېزىلغانىدى. ساۋاقداشلىرىغا ئەتىرگۈل ئالتۇن رەڭلىك iPhone6S سوۋغا قىلغىنى بولسا شۇ قېتىملىق يىغىلىشقا قاتناشقان جاڭ فامىلىلىك بىرسى بولۇپ، تىجارەتچى ئىدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ياخشى باھالارنى بەرگەن بولۇپ، <ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئارتۇق گەپ-سۆز قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان ئېسىل مىجەز بالا ئىدى، 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇ يەنىلا ئۆزگەرمەي شۇ پېتى تۇرۇپتۇ> دېيىشتى.



خەتكۈچلەر:
22-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek