جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-فېۋرال تېلېگراممىسى : ئامېرىكا ‹‹ ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 10-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشقا بىر يىل بولاي دەپ قالدى، ئۇرۇش سەۋەبىدىن بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادى پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشۈپ، ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىشى سەۋەبىدىن ئۇكرائىنا پۇلىنىڭ كۇرسى ئالدىنقى ھەپتە %50 چۈشۈپ كەتكەن، بۇنىڭ بىلەن مەركىزىي بانكا ئۆسۈمنى %5.5 كۆپەيتىپ، پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان. بىراق ئۇكرائىنا تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئارانلا 6 مىليارد 420 مىليون دوللار قالغان بولۇپ، پەقەت بەش ھەپتىلىك ئېھتىياجنىلا قاندۇرالايدىكەن.
ئۇرۇش مالىمانچىلىقى بېسىقمىغان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايوندا، قازا قىلغانلارنىڭ كۆپلىكىدىن جەسەتلەر كۈن بويى بىر تەرەپ قىلىنمىغان، ھايات قالغۇچىلار سەرگەردانغا ئايلانغان. ئۇلار ئاشلىق، دورا يېتىشمەسلىكىنىڭ ئازابىنى تارتقاندىن باشقا، ھەر دائىم چۈشۈش ئېھتىماللىقى بولغان زەمبىرەك ۋە راكېتا ئوقىدىن ئەنسىرەپ، نۇرغۇنلىرى روھىي توسالغۇغا دۇچار بولۇپ، يەر ئاستى ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقىشقا پېتىنالمايدىغان، كېچىلىرى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالغان.
ھازىر كۆپ قىسىم كىشىلەر ساخاۋەتچى ئورگانلارنىڭ قۇتقۇزۇش ياردىمىگە تايىنىپ جېنىنى بېقىۋاتىدۇ، ئۇلار كۆپىنچە ھاللاردا شويلا ۋە ياكى ئۇماچلا ئىچەلەيدۇ، ئوماچ ئىچىش ھازىر ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ۋە بەختى بولۇپ قالدى. 77 ياشلىق موماي نىكولائېۋنا (Nikolaevna) مۇنداق دېدى: مەھەللە ئاشخانىسى يەكشەنبىدىن باشقا كۈنلىرى كۈندە بىر ۋاخ تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەكشەنبە كۈنى بىز ئاچ قورساق جان ساقلاشقا مەجبۇرمىز.
ئۇرۇش ئوتى بۇ جايدىكى ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى بۇزۇپ ۋەيران قىلدى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازار دېگەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ، پۇقرالارنىڭ ئۆيىدە توك، تەبىئىي گاز ۋە سۇ توختىغانغا خېلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى، ئۇلار ھازىر قارنى ئېرىتىپ، سۇ ئورنىدا ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدى، ياغاچ كېسىپ ئوت قالاپ ئىسسىنىدۇ ۋە تاماق ئېتىدۇ.
ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بۇلتۇر يازدىن باشلاپ، ئەلئىچى قوراللىقلىرى ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بېرىلىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ، دوختۇرخانا، داۋالىنىش مەركىزى، يېتىم-يىسىرلار مەركىزى قاتارلىق ئاساسىي مۇلازىمەتلەرنى توختاتتى، دوختۇرخانا خادىملىرى گەرچە مائاش ئالماي ھەقسىز ئىشلەپ بېرەي دەپ قەتئىي نىيەتكە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق لازىمەتلىك دورا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى تېپىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى.
ب د ت ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يىلى 4-ئايدىن ھازىرغا قەدەر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 5400 دىن ئاشقان بولۇپ، مەلۇم بىر قۇتقۇزۇش ئەترىتى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايوندا 4 مىليوندىن 5 مىليونغىچە پۇقرا بار، بىراق ئۇرۇش ئوتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى سەۋەبىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ سەرگەردان بولۇپ باشقا ياقا يۇرتلارغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved