قازاقىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىدىرىسوف 3-ئاپرېل، قازاقىستاننىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتتە رامكا خارەكتېرلىك ھەل قىلىش لايىھەسىنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: قازاقىستان سۆھبەتكە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسى ئىرادىسىنى ساقلاپ، كېڭىشىپ بېكىتكەن مۇددەت ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قازاقىستان، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى سىياسى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، چۈنكى بۇ خەلقئارا بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.
ئۇندىن باشقا، ئىدرىسوف يەنە مۇنداق دېدى: قازاقىستان يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپلا قالماستىن، يادرو قوراللىرىدىن ئۆزلىگىدىن ۋاز كەچتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved