شىنخۇا تورى خەۋىرى |لەگلەك تورى تەرجىمىسى:مۇخبىرنىڭ 29-ئاۋغۇست دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ‹‹ئالاقە قوراللىرى ئاممىۋى مۇلازىمەتلىرىنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش قائىدىسى››(كەسپىي دائىرىلەر قىسقارتىپ ‹‹ ئۈندىدارغا ئون قائىدە››)دەپ ئاتايدۇ .) ئېلان قىلغاندىن كېيىن تىڭشۈن شىركىتى چۈشۈرۈلگەن قائىدە بويىچە ئۆزى تەكشۈرۈپ ئۆزى تۈزەتتى.
يېقىندا دۆلەتلىك ئۇچۇر -تور ئىشخانىسى بىرىنچى تۈركۈمدىكى بىر تەرەپ قىلغان ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان .
مەلۇماتلارغا قارىغاندا ‹‹ئالاقە قوراللىرى ئاممىۋى مۇلازىمەتىنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش قائىدىسى›› ئېلان قىلغاندىن كېيىن تېڭشۈن شىركىتى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپلىرىنى كەڭ كۆلەملىك رەتلەپ چىققان .رەتلەش ئوبيېكتىلىرى ساختا جەمئىيەت ئاممىۋى ئورگانلىرى ۋە ۋاستە ناملىرى، شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىش، زوراۋانلىق تېررورلۇققا ئائت يوللانمىلار ، ساختا، يالغان خەۋەر تارقىتىش ، پىتنە-ئىغۋا تېپىش تارقىتىش ، مللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ئۇچۇر تارقاتقان ،باشقىلارغا بوھتان چاپلاش ، شەخسنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈردىكى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىلىرىنى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ھېسابات نومۇرىنى توختىتىش ۋاقىتلىق توختىتىش(ئۆزى ئىچىگە ئالدىغىنى 7كۈنلۈك ،15كۈنلۈك ،30كۈنلۈك، 90كۈنلۈك ) ۋە مەڭگۈلۈك پىچەتلەش قاتارلىق چارىلەر بىلەن بىر تەرەپ قىلىغان .8-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە ۋاقتلىق توختىتىلغان (ئۆزى ئىچىگە ئالدىغىنى 7كۈنلۈك ،15كۈنلۈك ،30كۈنلۈك، 90كۈنلۈك )ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ھېساباتى 311،مەڭگۈلۈك پىچەتلىگەن ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ھېساباتى46 گە يەتكەن .
تېڭشۇن شىركىتىنىڭ كۆرسىتىشچە دەسلەپتە مەڭگۈلۈك پىچەتلىگەن ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىلىرى ئىچىدە ‹‹جېجياڭ خەۋەرلىرى ››نامىدىكى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى بولۇپ بۇ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئۆزىنى ئۆزى ‹‹گوۋۇيۈەن خەۋەر ئورگانلىرىنىڭ تەستىقلىغان مۇھىم خەۋەر سۇپىسى،جېجياڭ ئۆلكىسى بويىچە بىردىن بىر ئۆلكە دەرىجىلىك خەۋەر سۇپىسى ›› دەپ ئاتىۋالغان .ئۆزىنى خەۋەرلەر تورى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى نامىدا ئۇزۇن مۇددەت يالغان ئۇچۇر ۋە شەھۋانىي رەسىملەرنىمۇ يوللىغانلىق سەۋەبىدىن مەڭگۈلۈك پىچەتلىگەن .
دۆلەتلىك ئۇچۇر -تور ئىشخانىسى مەسئۇل خادىمى كۆرسىتىشچە ‹‹ئالاقە قوراللىرى ئاممىۋى مۇلازىمەتىنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش قائىدىسى››ئالاقە قوراللىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپلەرگە قارتىلغان بولۇپ ئىشلەتكۈچىنىڭ مۇلازىمىتىگە ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىلىپ بارغان. بۇ قېتىمقى مۇلازىمەت سۇپىلىرىنى تۈزەشتىدىن شۇنى بىلىۋالالايمىزكى مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تېڭشۈن دەسلەپتە ئاممىۋى سۇپىسى ھېساباتىنى تۈزەش رەتلەشنى مەسئۇلىيەتچانلىق ئاكتىپ ئەمەلىلەشتۈرگەن كارخانا.بىرتەرەپ قىلىش تىزىملىكىگە قارايدىغان بولساق سودا ئىشلىرى تۈرىدىكى ئاممىۋى سۇپىسى ھېساباتى بىرقەدەر كۆپ مەسىلىلەر بايقالغان .
يۇقارقى مەلۇماتلاردىن بىلىشكە بولىدىكى دۆلەتلىك ئۇچۇر -تور ئىشخانىسىىڭ پائال رەھبەرلىك قىلش ئاستىدا ئالاقە قوراللىرىنىىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىگە تىزىملاتقاندا ھەقىقىي سالاھىيەت كىنىشكىسى بىلەن تىزىملىتىش ۋە تۈرلەرگە ئايرىپ ئارخپ قىلىپ چىقىرىش .خىزمەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ ،ئاممىۋى ھېساباتلىرىدىۇ بىرقەدەم ئۆلچەملىشىدۇ دەپ قارايمىز .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved