ئۆزىڭىزنى دەڭسەشكە سەل قارىماڭ

         تۇرمۇشتا مۇنداق ئەھۋال كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. بەزىلەر تەقدىرلەنسە گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، تەنقىدلەنسە چىچاڭشىيدۇ. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىمۇ كۆپ. ئۆزىنىڭ ئىچ – باغرىنى ئۆزى يېرىشنى راۋا كۆرمەسلىك بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبى. ئۆزىنىڭ ئىچ باغرىنى ئۆزى يېرىش، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئۆزى دەڭسەش، تارازىغا سېلىپ بېقىشتۇر. ئۆزىنى ئادىللىق بىلەن دەڭسىيەلەيدىغان ئادەم ياخشى ئادەم، ئاقىل ئادەمدۇر. دەرۋەقە، ئۆزىنى دەڭسەش باشقىلارنى دەڭسەشتىن كۆپ قىيىن، ئۆزىنى دەڭسەش بەلگىلىك جۈرئەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىچ – باغرىنى دادىللىق بىلەن يېرىپ كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ئادەمنىڭ ئاجىزلىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى تۈزىتىشى، ئۆزىنى كامال تاپقۇزۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

       قەدىمدىن ھازىرغىچە بەزى ئىجابىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازى كىشىلەر قەلبىدە مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئورتاق قانۇنىيەت شۇكى، ئۇلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغان، ئۆزىنىڭ ئېسىل – پەزىلەتلىرى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبرازىنى نۇرلاندۇرغان. ئۆزىنىڭ ئاجىزلىق ھەم كەمچىلىكلىرىنى دائىم دەڭسەپ تۇرغاندىلا، ئۇنى ۋاقتىدا سېزىۋالغىلى، تۈزەتكىلى بولىدۇ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ بىرەر ۋاقىتتا بىرەر ئىشتا ئۆزىنى دەڭسىيەلىشى ئاسان، ئەمما ئۇنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىنى ھەممە ئىشتا ئىزچىل دەڭسەپ تۇرالىشى ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. شۇڭا ئۆزىنى دەڭسەش كىشىلىك ھاياتتىكى مەڭگۈلۈك قىيىن تېمىلارنىڭ بىرى. كىشىلىك ھاياتنىڭ يولى ئېقىنغا ئوخشاش ئەگرى – توقاي، تاغ يولىدەك ئېگىز – پەس بولىدۇ. كىشىلىك ھايات يولىدا مۇۋەپپەقىيەت ۋە غەلىبە قازانغانلارنىڭ قالدۇرغان ئىزىدا مۇنداق بىر يىمىرىلمەس ھەقىقەت ئىپادىلەنگەن: ئۇلار تىرىشىش، ئېلىشىش، ئىنتىلىش داۋامىدا ھامان ئىزچىل، ئەستايىدىل دەڭسەپ، بۇ ئارقىلىق ھامان ئاجىزلىقلىرىنى يېڭىپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاياتىدا كۈنسېرى سىلجىيالىغان. ئۆزىنى دەڭسەش پىكىر قىلىشنى خالىمايدىغان، قاراقورساقلار بىر مۇئەمما. پەقەت ئۆز – ئۆزىگە ‹‹سوئال›› قويالايدىغان، ئۆزىگە تەلەپ قويالايدىغان ‹‹ئۆزىنى – ئۆزى ئەيىبلەپ›› تۇرۇشنى بىلگەنلەرلا ئۆزىنى ھەقىقىي دەڭسىيەلەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
04-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek