ئالما شىركىتىنىڭ iphone 6 تىلفۇنى بولسا كىشلەر ئىزچىل دىققەت قىلىپ كىلۋاتقان نۇقتا . ھازىرغىچە يىڭى ئەۋلات. 6 iphone تىلفۇننىڭ سۈرەتلىرى ئاشكارلانغان بولۇپ بۇنىڭدىن iphone 6 دىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگلى بولىدۇ مەسلەن : تاشقى قىسمىدا رامكىسى يوق ،ئىكرانى تىخىمۇ چوڭايتىلغان بولۇپ 8 IOS سىستىما قاچىلانغان بولۇپ ئادەمنى تولىمۇ تەقەززا قىلىدۇ. كىشلەر سىرتقى كۆرۈنىشكە كۆڭۈل بۆلگەندىن باشقا يەنە iphone 6 نىڭ باھاسىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۈگۈن سىرتقى ئاخباراتنىڭ ئاشكارلىشىچە. iphone 6 نىڭ باھاسى iPhone5s كە قارىغاندا كۆپ قىممەت بولىدىكەن .
ئىگەللىنىشىچە 6 iphone نىڭ ئىكرانىغا پۈتۈنلەي كۆك ياقۇت ئەينەك ماتىريال ئىشلىتىلگەن بولۇپ ،قاتتىقلىق دەرىجىسى ئالماستىن ئازراقلا تۆۋەن بولۇپ ، تىخمۇ سۈركىلىشكە چىدامچان ئىكەن . كۆك ياقۇت ئەينەك ماتىريال ئىشلىتىلگەن تىلفۇنغا قايتىدىن چاپلاق چاپلاشنىڭ ھاجىتى يوقكەن ،لىكىن تەننەرخى ئادەتتىكى ئەينەكتىن ئالتە يەتتە ھەسسە قىممەتكەن .شۇڭا ياخشى ماتىريال ئىشلىتىش تىلفۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش باھاسنى يۇقىرى كۆتىرۋىتىدىكەن .ھازىر پەرەز قىلنىشىچە iphone 6 نىڭ باھاسى iPhone5s نىڭ باھاسىدىن 100دوللار قىممەت بولىدىكەن .
يىڭى ئەۋلات تىلغۇننىڭ GB 16 GB 32 GB 64 GB 128
قاتارلىق كۆپ خىل نۇسخىسى بولۇپ باھاسى تۆۋەندىكىدەك :
ئامىركىدا : 749 ، 849 ، 949 ، 1049 دوللاردىن
(خەلىق پۇلىغا سۇندۇرغاندا ئايرىم ھالدا 4603 ، 5218 ، 5832 ، 6447 يۈەن )
ئەنگىلىيەدە: 549، 629، 709 ۋە 789 فوندسىترلىڭ
(خەلىق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 5648، 6471 ، 7295، 8118 يۈەن )
لىكىن ئامىرىكا نۇسخىسىدىكى توختام بىلەن سىتىلدىغان يىڭى ئەۋلات. iphone 6 تەخمىنەن 199دوللار بولىدىكەن .
قاچان ئىلان قىلىش مەسلىسىدە توختالغاندا بۇ يىل 9-ئاي 10-كۈنى ئىلىپ بىرىشى مۇمكىن . ئادەتتە ئىلان قىلنىپ بىر ھەپتە ئەتراپىدىن كىيىن سىتىلشى مۇمكىن . بۇلتۇر ئالما 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سىتىلىشقا باشلىغان بۇلۇپ ،ئىلان قىلنىپ 10كۈندىن كىيىن سىتىشقا باشلانغان .
ئگەللىنىشىچە بۇ قىتىمقى 6 iphone نى قوراشتۇرۇشقا يەنىلا فۇشىكاڭ شىركىتى مەسئۇل بولىدىكەن . قۇرۇقلۇقتا ئاز بولمىغان تەمىنلىگۈچى زاۋۇتلار كۆپەيگەن بولۇپ ،تىڭشىغۇچ،ئۇلىغۇچى سىم ،باتارىيە قاتارلىق زاپچاسلانى ئىشلەپ چىقىرىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved