ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 15-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ يەر ۋاقتى 13-ئىيۇل ، فىرانسىيەنىڭ پارىژدىكى باستىللې مەيدانىغا يېقىن جايدا ، 150 نەپەر يەھۇدى پەلەستىنلىك نامايىشچىلار بىلەن توقۇنۇشقان . فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند پەلەستىن–ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ فىرانسىيەگىچە يامرىشىنى قەتئىي خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
فىرانسىيەدىكى يەھۇدىلار تەشكىلاتى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان يەھۇدىلارغا قارشى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكى ھەمدە بىر قىسىم مۇسۇلمان ياشلارنىڭ ئۇلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، ساقچىلار توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەھۇدىلارنى قولغا ئالمىغان ، ئەكىسچە ئالتە پەلەستىنلىك قولغا ئېلىنىپ ، قانۇنسىز ھالدا يەھۇدى چېركاۋىغا بۆسۈپ كىردى دەپ ئەيىبلەنگەن . توقۇنۇشتا ئىككى يەھۇدى يارىلانغان .
توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن ، زۇڭتۇڭ ھوللاند فىرانسىيەنىڭ ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . پارىژ سوتسىياللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى AlexisBachelay مۇنداق دېگەن : ناھايىتى روشەنكى ، تاراتقۇلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تەرەپنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى . ھەقىقىي ئەھۋالنى ساقچىلارلا تەكشۈرۈپ بىلەلەيدۇ ، بۇ ، تاراتقۇلارنىڭ فىرانسىيەدىكى ياشلارغا تۇنجى قېتىم داغ تەگكۈزۈشى ئەمەس . فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلار نامايىش قىلسا فىرانسىيەنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved