يەر شارى خەۋەر تورى 7-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھى شاھزادىسى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىبنى نايىف بىلەن رىيادتىكى باش مىنىستىرلىك ئورنىدا كۆرۈشتى. سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمى خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلشىچە، مۇھەممەد ئىبنى نايىف بىلەن كېررىينىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە رايۇندىكى ۋە خەلقئارادىكى بىر قىسىم ئۆزگىرشلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئۇچرىشىشقا ئىككىنجى ۋەلىئەھدى شاھزادە ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد ئىبنى سەلمان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەل-جۇبەيىر، ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى خالىد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئابدۇللاھ ئەل-ھۇمەيدان ۋە باش شىتاب باشلىقى گېنىرال ئابدۇرراھمان ئىبنى سالىھ ئەل-بۇنيان قاتارلىقلار ۋە ئامېرىكا تەرەپتىن كېررىينىڭ ياردەمچىسى يېقىن شەرق مۇناسىۋىتى مەسئۇلى ئاننى پاتىرسون، ئامېرىكىنىڭ رىياد باش ئەلچىسى تىموسي ئا.لىندىركىن، كېررىينىڭ ئىشخانا مۇدىرى جونازان فاينىر، ئىجرائىيە يارەدمچىسى لىسا كىنا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى مارىي خارف قاتناشتى. كېررىي تۈنۈگۈن جىبۇتىيدا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، جىبۇتىدىكى ئۇچرىشىشدىن كېيىن شۇ كۈنى سەئۇدىيغا زىيارەتكە كەلگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved