شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 19-ماي شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى قوشۇلغان تەبىئىي گاز ئابونتلىرىغا گاز يەتكۈزۈش ۋە كونا يېقىلغۇ گاز ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ رېمونت قىلىش سەۋەبلىك، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى ۋە بۇلاقتاغ رايونىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە گاز توختايدىكەن.
21-ماي سائەت 23:00 دىن 22-ماي سائەت 08:00 گىچە تەڭرىتاغ رايونى ئىتتىپاق يولى خۇڭخۇي ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، چەۋەنداز مېھمانسارىيىدا گاز توختايدىكەن. 21-ماي سائەت 22:00 دىن 22-ماي سائەت 12:00 گىچە بۇلاقتاغ رايونى يەتتە داۋان يولى خىڭدى ئۆي-مۈلۈكچىلىكى، شياۋ لۇڭ ئۆي-مۈلۈكچىلىكى، ئالتە داۋان يولى كۆمۈر كېنى دۇڭئەن جىلۇ (60-ئوتتۇرا)، بىڭتۈەن 4-قۇرۇلۇش شىمالىي قورۇسى، بىڭتۈەن 4-قۇرۇلۇش جەنۇبىي قورۇسى، ئاشلىق-ماي يېمەكلىك زاۋۇتى، نەنفاڭ ئۆي-مۈلۈكچىلىكى، گوجى جىدى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، 3-قۇرۇلۇش 4-ئەترىتى، جۇڭگو سودا-سانائەت شۆبە بانكىسى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، خاۋ مۇلەندى ئۆي-مۈلۈكچىلكى، ئەيدىخۇا ياشانغانلار ساناتورىيەسى، ۋېيخۇلياڭ توك-ئېلېكتىر ئىستانسىسى، بىڭتۈەن 4-قۇرۇلۇش 24-لىيەنى، شۇييۇن كاڭجۇ 1-قارار، شۇييۇن كاڭجۇ 2-قارار، شۇييۇن كاڭجۇيۇەن 3-قارار (ج خ ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئەترىتى)، شياۋ لۇڭ ئۆي-مۈلۈكچىلىكى 3-قارار، خىڭدى ئۆي-مۈلۈكچىلىكى ئاشخانىسى، بىڭتۈەن 4-قۇرۇلۇش شىمالىي قورۇ پارقازانخانىسى، بۇلاقتاغ رايونى قانۇن ئىجىرا قىلىش ئىدارىسى، بۇلاقتاغ قۇرۇلۇش ئىدارىسى، قىزىلتاغ خىمىيە سانائىتى ئوراش شىركىتى، خاۋمۇ لەندى ئاشخانىسى، ۋېيخۇلياڭ توك-ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئاشخانىسى، بىڭتۈەن 4-قۇرۇلۇش 24-لىيەنى پار قازىنى، ج خ ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئەترىتى، ئۆلچەپ-سىزىش چوڭ ئەترىتى، خۇاگۇاڭ كوچىسى مالىيە مەكتەپى، بەيجېر يۇيۇش ئورنى، بۇلاقتاغ رايونى شەھەر قىياپىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئىدارىسى ئاشخانىسىدا گاز توختايدىكەن.
![]() |
«قارا ئاققۇ» نىڭ داۋاملىق پەيدا بولۇشى خەلقئارا ماي باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تۇنجى قېتىم «ئۇدا ئۈچ قېتىم چۈشۈش» تەك ئەھۋال كۆرۈلدى. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved